بۇلبۇل بلوگى

0

بۇيلۇق

242

بىر كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى، ئەي دىلبەر ماكان،

بار ۋۇجۇدۇم بولدى مەپتۇن ئۇشبۇ ئان.

قاينىغاچ ئىلھام بۇلاقىم جۇش ئۇرۇپ،

ئۇچتى پىكرىم كەڭ سامادا قۇش بولۇپ.

بىر قەدىمىي توپا تاغ، باش قاقاس،

باغرىدا چاقنار ئىكەن گۈل ئەتىياز.

شۇ قاقاس تاغدىن تامار چىم-چىم بۇلاق،

مەرۋايىتتەك تامچىسى زەپ پارقىراق.

ئاندا بىر كۆل چايقىلار كۈن شولىسى،

قوينىدا ئالتۇنبېلىقلار جىلۋىسى.

ئويلىدىم ”جەننەت“ دېگەن يەر قانچىلىك،

بولسا باردۇر ئۇزلۇقى بىر سەنچىلىك.

ئەي گۈزەل بۇيلۇق دېگەن جەننەت ماكان،

كىم ساڭا بەرمەس كۆڭۈل كۆرگەن ھامان!

گۈللىرىڭنىڭ ھۆسنىدىن مىڭ ئايلىناي،

گۈلشىنىڭ ئەتراپىدا بۇلبۇل بولاي.

ئاندا چوغلۇق بىرلە مۇدەن، مىرزىگۈل،

مەندە ئەترە بىرلە نەرگىس، سەبدىگۈل.

قانىتىم بولسا ئىدى، ئۇچسام ئىدىم،

كېپىنەكتەك ۋەسلىگە قانسام ئىدىم.

ئەي گۈزەل بۇيلۇق دېگەن جەننەت ماكان،

كىم ساڭا بەرمەس كۆڭۈل كۆرگەن ھامان!

بۈك-باراقسان باغلىرىڭنى نېمە دەي،

قايسى تىل بىرلە ئۇنى تەرىپ ئېتەي.

پارقىراپ تۇرغاچ باراڭدا ساپ ئۈزۈم،

جىلۋىسىدىن ھەر نەپەس تالدى كۆزۈم.

”نېمە بۇ، ياقۇتمۇ ياكى كەھرىۋا،

ياكى زۇمرەت، قاشتېشى زەپ دىلرەبا؟“

دەر ئۈنى شاخ-شاخىدا كۆرگەن كىشى،

ئاق، قىزىل سايۋا، بىجاقىي، كىشمىشى.

قىزىرىپ تۇرسا ئانارىڭ غۇنچىدەك،

خۇددى تۇرپان قىزلىرىنىڭ مەڭزىدەك.

تامسا شاپتۇل، ئەنجۈرۈڭنىڭ شەربىتى،

جانغا جان قوشسا ئۇنىڭ تەم-لەززىتى.

كىم سېنى تەرىپلىمەس زوقى تېشىپ،

خۇددى بىر قاينام كەبى شوقى تېشىپ!

ئەي گۈزەل بۇيلۇق دېگەن گۈلباغ دىيار،

بەختۇ ئىقبال مەڭگۈ بولسۇن ساڭا يار!

سېنى گۈلباغ ئەيلىگەن ئەل ياشىسۇن،

ياشىسۇن، خۇددى سېنىڭدەك ياشنىسۇن.

1980-يىل 29-سېنتەبىر، تۇرپان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ