بۇلبۇل بلوگى

0

بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى، ھەي

174

كەڭ يېيىپ  ئولتۇرىمەن ئېتەكلىرىمنى ،
ۋاقىتمۇ شۇقەدەر كەتمەكتە يۇمشاپ .
ئۇرۇلاردىمىغىمغا ئىسسىق تەر ھىدى ،
يۇلتۇزمۇچاقنايدۇ مېھرىمدەك قاناپ .

 

قىرىق بىركېچە ھەم كۈندۈزمۇ ئۆتتى ،
سانايمەن  بارمىقىمدا كۈنلەرنى تەكرار .
ناۋاداچۆچەككە ئايلانسا دۇنيا ،
ئوغۇزخان  تۇلپارىغا مىنەتتى دەرھال .

 

بىر قاچقۇن كېلەتتى دارنىڭ ئالدىغا ،
ياكى بىريالغۇز قىز بولاتتى خانىش .
بۈگۈنمۇ  شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي …
تىلىدىم  ئۆزەمگە  چىدام ۋە قارغىش .

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ