بۇلبۇل بلوگى

0

بۇ يىللاردا مەن

210

 

1

بۇ يىللاردا مەن بىر تام ئاپتاپمۇ چۈشمىگەن

سايىدايدۇ ھېچقايداق سىرى قالمىغان بىكار تەلەپلەر

ئۇلار پاراڭلىشىدۇ ئۆلۈپ كېتىدىغان قىزلار توغرىلىق

كېلىپ كەتمەيدىغان يالغۇزلۇق توغرىلىق

دائىم يېرىم كۆرىدىغان چۈشلىرى توغرىلىق

تۈنۈگۈنكى تاڭنىڭ يەنە ئاتقانلىقىنى

غەزەپ بىلەن سۈكۈشەر ئاخىرىدا

تارقىشىپ كېتەر ئۆزلىرى چەككەن غېرىپ تاماكىنىڭ ئىسلىرىدەك

بىر تەرەپتىكى بىر نەچچە يولدا غايىپ بولۇشار

بەلكىم، ئۇلار ماڭا يۆلەنمىگىنىدىن ئەپسۇسلىنار

ئاندىن بۇ ئەپسۇسلۇق ئورنىغا

ماڭا يۆلەنمىگىنى سەۋەبلىك ھايات قالغانلىقىدىن ئىبارەت

مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى تولار،

ئۇلار بۇ تامنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى

بىر نەچچەيلەننىڭ تامنىڭ ئاستىدا قېلىپ

مۇشۇ تامدەك تۈگەشكەنلىكىنى ئاڭلاشنى ئىستەپ يۈرگەندە

يەنە ئۇچرىشىپ قالىدۇ

ئاندىن بۇنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ ئۆز ئارا رەقىبكە ئايلىنىدۇ.

بىر مىسكىن ئاشىق كېلىدۇ

ماڭا قاراپ ۋارقىرايدۇ

بىراق مەن ئاۋازىنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيمەن

ئۇ ماڭا يۆلىنىدۇ كېچىدەك

يانىدۇ ئاندا-ساندا يۇلتۇزدەك

مەندەك ئارام تېپىشنى ئىستەۋاتقاندا

ھاياجانغا تولغان

قارىسا كۆزى يەتمەيدىغان تاڭ ئاتىدۇ.

كېيىن ئۇ مېنىڭ يېنىمدىكى خىلۋەتتە

يارىنىڭ كۈتكەنلىكىنى ئاڭلاپ

ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ بىر كونا تامدەك

ئۇ كونا تامنىڭ ئاستىدا قالار مۇھەببەت.

2

بۇ يىللاردا مەن بىر ناخشا

مېنى ئېيتقانلار ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشار

مېنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار گاچا بولار

مېنى ئاڭلىغانلار ئۇشتۇمتۇت

ھاياتىنى ياشاپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىشار

 

قىزنىڭ ھىدىدەك تارقىلىمەن

مۇددەتلىك بومبىدەك سەھرالارغا

تاشتەك ئەۋرىشىم شەھەرلەرگە

ئىزلارغا تولغان ئورمانلىقتىكى

مەلۇم بىر يەرگىچە داۋام قىلغان چىغىر يوللارغا

كېچىلەرنىڭ دېرىزىلىرىگىچە

ئۇخلاۋاتقانلارنىڭ كىرپىكلىرىگىچە

چىراق يورۇقىنىڭ

قاراڭغۇ چوڭقۇرلۇقلىرىغىچە

3

بۇ يىللاردا مەن بىر  بولاڭ – تالاڭ قىلىنغان خىيال

ئۆزۈمگە ئاشقىنىدىن باشقا رېئاللىق يوق

مېنى بىر ئەرگە تەۋە دېگۈچىلەر

بىر ئايالنى قۇراشتۇرۇپ چىقار

چۆللەرنى تىرىپ كېلىپ

بىر ئايالنى چۇۋۇشار

دېڭىزلارنى قۇرۇقداپ

بىر ئۆينى بەرپا قىلار

ئاندىن ئېشىك قويار

ئېسىدىن كۆتۈرۈلگەن ماڭا قارىتىپ

 

كىرىپ چىقىمەن ئۆيدىن ئۆيگە

تالادىن تالاغا

ئايىغىمدا چېچىلىپ ياتقان

كۈزدىن باھارغا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ