بۇلبۇل بلوگى

0

بۇ كۈنلەر

190

ئايرىلىپ قېلىشتەك قوپال

سېغىنىشتەك كۆز يەتمەس

كۈندۈزدەك قاراڭغۇ

ئۈمىد قىلىشتەك بىمەنە

كۈنلەرگە كەلدىم

قانداق كەلگىنىم ئېسىمدە يوق ھالدا

ئۇنىڭ ئاخىرىغا بۇيۇنداپ باقتىم

كۆرۈنمەيدۇ ياپراقلار

دەرەخلەر كۆرۈنىدۇ

كۆرۈنمەيدۇ يىراقلار

ماڭا قەدەر كۆرۈنىدۇ

 

ئۆزۈمگە شۇنچىلىك تويدۇم

چۈشىنىشلىك ھېكايە بولدۇم

يەر تېرىغۇچىلارمۇ ئوقىدى-

چۈشەندى

كىتاب يازغۇچىلارمۇ ئوقىدى-

چۈشەندى

ئۇنتۇلۇپ كەتتىم بىر تال ئاچقۇچتەك

ئەمدى قۇلۇپلارنى باسىدۇ دات

ئۆيگە كىرەلمىگەن كەپسىز بالىدەك

بېشىغا توپا قۇيۇپ ئوينايدۇ ھايات.

 

بۇ يەردە تۇرۇشنى خالىغان بولسام

سېنى سېغىنمىغان بولسام

بىر يەرگە كتىشنى ئويلىمىغان بولسام

بۇ كۈنلەردىن ئۇ كۈننى ئىزدەپ

قانداقلا بولمىسۇن تاپقان بولسام

بۇ شېئىر يېزىلمايتتى

بۇ شېئىرنى يازىدىغانغا

مېنىڭ ۋاقتىم، مېنىڭ قۇلۇم ئاشمايتتى.

 

نېمىگە ئوخشاتقىلى بولار

نۇر چېچىۋاتقان چىراق

مېنىڭ دىققىتىمدىن چۈشۈپ كەتمەكتە

مەندەك زېرىككەن كېچە يا سۈكۈت

يېنىمدا ئولتۇرۇش ئۈچۈن كەلمەكتە.

 

تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم

يەر تەۋرىسە بىردىنلا

ئۆزىمىزنى ئاتساق تالاغا…

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ