بۇلبۇل بلوگى

0

بۇ دۇنياغا دىيانەت كېرەك

192
بۇ دۇنياغا دىيانەت كېرەك،
دىيانەتكە دالالەت كېرەك.
ناندىن ئاۋال ئىنسان دېگەندە،
بىر-بىرىگە ساداقەت كېرەك.
ئۆي تۇتقىنىڭ –قازان ئاسقىنىڭ،
بىر مەنزىلگە قەدەم باسقىنىڭ.
كۆكلڭمەيسەن بۇزۇپ-چاچقىنىڭ،
ياشاشقىمۇ پاراسەت كېرەك.
دۇنياخورنىڭ نەپسى ئازدۇرار،
ئۆزى ئۈچۈن خەندەك قازدۇرار.
يۇيۇپ بولماس گۇناھ يازدۇرار،
باي بولغاندا قانائەت كېرەك.
ياندا بولسۇن ھەركىمنىڭ يارى،
بولۇپۇرسۇن ھەقىقەت جارى،
يۈرمەك ئۈچۈن كۆز ياشتىن خالى،
ئاۋال ئەلگە ئادالەت كېرەك.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ