بۇلبۇل بلوگى

0

بۆشۈك ئەللىيى

199

ئانا بۆشۈك تۈۋىدە،

ئاغزى ئەللەي كۈيىدە.

بالا يىغلاپ تىنمايدۇ،

ئۇيقۇ يوقتۇر كۆزىدە.

ئانا ئېيتتى:“قوزىچام،

يۇم – يۇم كۆزۈڭ ئۇيقۇچام،

كېچە ئۇخلاپ دەم ئالغىن،

تاڭ ئاتقاندا تۇر، بالام.

ئەللەي، ئەللەي بىر دانەم،

يۇم – يۇم كۆزۈڭ بىچارەم.

ئۇخلىماستىن يىغلايسەن،

ئۇخلا جېنىم بوتىچام.

مەمىقىمدە سۈتۈم يوق،

سۈت بولغۇدەك يۇتۇم يوق.

قۇرۇق مەمەق نېم بېرۇر،

ئېتىزلىقتىن ئۈنۈم يق.

ساڭغا كەتتى يېرىمى،

قەرزگە كەتتى بۇلۇڭى.

يەنە توشماي تۇرۇپتۇ

بۇ سۇلتاننىڭ تۇلۇمى.

ئاتاڭ بولسا جاڭگالدا،

ئاچ – يالىڭاچ شامالدا

ئوتۇن كېسىپ ئاۋارە،

يېتىپ كېلۇر زاۋالدا.

ئەنە ئىشىك تۈۋىدە،

قانلىق قىلىچ قولىدا،

چېرىك ساقلاپ تۇرۇپتۇ

ئوتۇن ئالماق كويىدا.

بەرمىسەكمۇ ئالىدۇ،

بەرمەي دېسەڭ سالىدۇ.

قىلچە ئارتۇق گەپ قىلساڭ،

جادىسىغا باسىدۇ.

ئەتە كېلىپ نان دەيدۇ،

ئات-ئۇلاغقا يەم دەيدۇ.

بىرى ئۆكسۈپ قالسۇنچۇ،

ھەيدەپ بېرىپ، جان دەيدۇ.

ئەللەي بالام، جان باغرىم،

يۇم – يۇم كۆزۈڭ، ئامرىقىم.

ئۆينىڭ ئىچى قاراڭغۇ،

يوقتۇر ساپال چىرىقىم.

ئۇخلا بالام، يالغۇزۇم،

يۇم – يۇم كۆزۈڭ، قۇندۇزۇم.

بىزگىمۇ تاڭ ئاتىدۇ،

رەھىم قىلسۇن يۇلتۇزۇم!“

1946-يىل 1-مارت، لەنجۇ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ