بۇلبۇل بلوگى

0

بولمىسا(غەزەل)

164

ئاھ،مېنىڭمۇ رەڭمۇ رەڭ گۈللەرنى قىسقۇم كېلىدۇ،
كېپىنەكلەر كەينىدىن گۈلزارغا ئۇچقۇم كېلىدۇ.
كىم تەبەسسۇم ئەيلىسە ئۆز يارى كەلگەندەك ماڭا،
مەنمۇ يارىدەك ئاڭا گۈللەرنى تۇتقۇم كېلىدۇ.
بىۋاپالىق دەپ بىلىڭ قالغاننى ياردىن ئايرىلىپ،
ئايغا چىقسا يار،شۇڭا مەن بىلەن چىققۇم كېلىدۇ.
قايدا تەلەي،ئەتىۋارلىق بولمىسا بۇ سۆيگۈنىڭ،
نە سەۋەب-ۋەجى ئۇنىڭ،يازماققا ئۇققۇم كېلىدۇ.
كۈندە كۆكلەم بولسا دەيمەن،ئەسلا كەچكۈز بولمىسا،
بولسا ئىللىق يەر-جاھان،ھېچ يەردە قار-مۇز بولمىسا.
بىر كېلىپ كەتمەكنى دۇنياغا غەنىيمەت بىلگۈلۈك،
ئوينىساڭ تا ئۆلگىچە،ئارقاڭدا گەپ-سۆز بولمىسا؟!
بارچە ئىنسان بولسا باتۇر،بارچە ئەۋلاد پەھلىۋان،
زارلىمايتتىم مەيلى مەن يوللارمۇ تۈپتۈز بولمىسا.
بارچە ئادەم ئۆزىگە قىلسا قانائەتنى قانات،
يۈرسە ئىنسان خۇلقىدا، ھايۋانچە ئاچكۆز بولمىسا!
ئادىمىيلىكتۇر،يىگىت،ئىنسان ئۈچۈن لازىم خۇرۇچ،
قايدا لەززەت، قايدا تەم، ئەتكەندە ئاش تۇز بولمىسا؟
قۇچتى،دەيدۇ شائىرنىڭ مەڭگۈ مۇھەببەتنى زەپەر،
بۇ جاھاندىن كەتكىچە ھېچ بەندە يالغۇز ئىدى،
ئاغرىنۇر ئۇ چاغدا كىم ئاسماندا يۇلتۇز بولمىسا؟
شۈكۈر قىل،كۆڭلۈم،ئەگەشمەي ئەرزىمەس ئارماننى سەن،
كىمنى خىللايتتىڭ ئەگەر ئالەمدە بىر ئۇز بولمىسا؟!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ