بۇلبۇل بلوگى

0

بولمىسا

256

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس، گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،

گەپلا بولسا گەپ ئەمەس، مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.

ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك تۇرۇپ،

ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس، ئادەم سىياقى بولمىسا.

ئادەمنى ئادەم ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،

ھۆسنى بىر سۈرەت ئىرۇ دىلنىڭ چىراقى بولمىسا.

بىر مىسالى پانۇسنى كۆر، شام چىراقسىز يورىماس،

نۇر چاچامدۇ شام چىراغ، پىلىكى، ياغى بولمىسا.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ