بۇلبۇل بلوگى

0

بولمىسا ئەلنىڭ ئالقىشى

184
مىنگەن ئات، كىيگەن تون بەختىڭ بۈگۈنكى،
تاڭ ئاتسا ئۆزۈڭمۇ ئۆتمۈشنىڭ مۈلكى.
بىر قولۇڭ گۈل ئالسۇن، بىر قولۇڭ قامچا،
دوستلىرىڭ بار يەردە دۈشمەن بار چۈنكى.
تۇغۇلماق ئاساندۇر، ياشىماق قىيىن،
مۇشەققەت ئىلگىرى، پاراغەت كېيىن.
بولمىسا شەنىڭگە ئەلنىڭ ئالقىىشى،
پادىشاھ بولساڭمۇ نەرخىڭ بىر تېيىن.
كۆرۈنگەن ئاپەتتىن كەتمىگىن چۆچۈپ،
تاغ كۆچسە كۆچسۇنكى. سەن يۈرمە كۆچۈپ.
ئۆمۈرلۈك گۈلخان بوپ يانماقچى بولساڭ،
ئۆتكۈنچى يامغۇردا قالمىغىن ئۆچۈپ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ