بۇلبۇل بلوگى

0

بولماس

185
سېخىي كۆڭلى ئىنئامسىز بولماس،
تۇتقان ئۆيى مېھمانسىز بولماس.
چۈشەنگەنلەر بىچارىلكنى
قەلەندەرگە ئېھسانسىز بولماس.
ئەزىز كۆرسەڭ ئەلنى ئۆزۈڭدىن،
تاپقان بالاڭ ۋىجدانسىز بولماس.
بەدەل بەرمەي بەخىت قايدىدۇر،
ھەقنىڭ يولى قۇربانسىز بولماس.
تۇتقان بولسا ئانا يولىنى،
قىزلار بوينى مارجانسىز بولماس.
يىگىتلىرى پەرھاتتەك بولسا،
ياشلىقىدا جانانسىز بولماس.
كۆكتە لاچىن پەرۋازسىز بولماس،
پەستە قىزلار يەردازسىز بولماس.
ئالەم قانچە گۈزەل بولسىمۇ،
ئىنسان دېگەن كۆز ياشسىز بولماس.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ