بۇلبۇل بلوگى

0

بوغدا ئانام

230

ئاق لېچەك باشىڭدا، قۇددۇس، غەمگۈزار بوغدا ئانام،

ئولتۇرۇپسەن كۆك گىلەمدە بەر قارار، بوغدا ئانام.

ھەر قاچان كۆرسەم سېنى، ئەي گۈلئۇزار بوغدا ئانام،

جۇش ئۇرۇپ قەلبىمدە چىن بىر ئىپتىخار، بوغدا ئانام،

خۇشلۇقۇمدىن كۆز يېشىم دۇردەك تامار، بوغدا ئانام.

ھەر سابا باقسام، سېنىڭ چېھرىڭدە ئىقبال جىلۋىسى،

جىلۋە بىرلە قامىتار كۆزلەرنى قارىغاي جىلۋىسى.

جىلغىلاردا گۈل-چىمەن ياشنار ھەتتا تاغ لەيلىسى،

قاينىدى شامۇ سەھەر سەندە ھايات تەنتەنىسى،

چۈنكى تاج كىيدىڭ قۇياشتىن، بەختىيار بوغدا ئانام.

شۆھرىتىڭ ئالەمچە بار، لېكىن قاراڭغۇ ئۆتمۈشۈڭ،

نەچچە ئون قىسسە-رىۋايەت بولدى ھەر بىر كەچمىشىڭ.

دەردى مېھنەت، غەم ۋە ھەسرەتتە ئاقارمىشتۇر بېشىڭ،

قانچە مىڭ يىللاپ كۆزۈڭدىن بىز ئۈچۈن تۆككەن يېشىڭ

شۇ ساماۋى كۆلدە تىنماي چايقىلار، بوغدا ئانام.

چايقىلىپ تۇرغان بۇ كۆل كۆز ياشلىرىڭ دۇردانىسى،

بەلكى نەپرەت ھەم مۇھەببەت نەزمىسى، پەيمانىسى،

ياكى ئۇ قەدىمكى شەرق تەقدىرىنىڭ ئابىدىسى.

ئەمدى مۇندا ئاڭلىنۇر كۈلگەن بەخت شادىيانىسى،

چۈنكى سەندە باشلىنىپ كەتتى باھار، بوغدا ئانام.

مەڭگۈ كۈلسۇن نۇر-قۇياش باشىڭدا، سەن بولغىن ئامان،

باسمىغاي ئۈستۈڭنى ھەرگىز ئەمدى زۇلمەتلىك تۇمان.

سۈزۈلۈپ تۇرغاي ساماۋى كۆل كەبى كۆك ئاسمان،

سەن ھايات-بىزمۇ ھايات، ئەۋلادلىرىڭ ئويغاق ھامان،

ئاق لېچەككە قونمىغاي دەپ بىر غۇبار، بوغدا ئانام.

1981-يىل 29-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ