بۇلبۇل بلوگى

0

بىر يۇلتۇز ئۆچتى

211

(ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇكېرىم خوجا ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن)

بىر يۇلتۇز ئۆچتى، بۇرجىدىن كۆچتى،

كۆچتى سامانىڭ تىنىق يۈزىدىن.

ئىككى تال مەرۋايىت ئۈزۈلۈپ چۈشتى

جەڭگاھتا كىشنىگەن تۇلپار كۆزىدىن.

بىر يۇلتۇز ئۆچتى، شولىسى قالدى،

قالدى مىسرالار ئىچىدە يالتىراپ.

شائىر ئۈچۈن بۇ نېمىدېگەن بەخت،

قالغان ئىزىدىن گۈل ئۈنسە چاقناپ.

بىر يۇلتۇز ئۆچتى، بۇرجىدىن كۆچتى،

كۆچتى مەڭگۈلۈك ئارامگاھ تامان.

مىسرالار بولغۇسى ھەيكىلىڭ سېنىڭ،

ئۇنتۇماس ئەل سېنى، ئۇنتۇماس زامان.

نې خانۇ خاقانلار كۆز يۇمدى، كەتتى،

تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ساتارى قالدى.

تارىخنى ھېچكىم ئالدىيالمايدۇ،

يۇلتۇزۇڭ ئۆچسىمۇ، ئەنۋارى قالدى.

1988-يىل مارت، ئۈرۈمچى

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ