بۇلبۇل بلوگى

0

بىر يولدا ئايلىنىپ يۈرىمەن

208

شۇنچىلىك ھېرىپتىمەن
ياتساملا ئۇخلاپ قالىدىغان بىر تۇيغۇدا
توختايدىغان يىرى يوق بىر يولدا ئايلىنىپ يۈرىمەن
تونۇشلار ئۇچراپ سالام قىلىدۇ، لەۋلىرىدە گەپ يۇقى
ناتونۇشلار ئۇچراپ قاراپ قويىدۇ، كۆزلىرىدە مەن
ماشىنىلار، ھاياجانلىنىشنى بىلىدىغان ماشىنىلار
ئوتتۇرىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ
سەن بولمىساڭ بىزنىڭ ئوتتۇرىمىز نىمىش قىلىدۇ
ئىشقىلىپ بۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپى بار
بىر تەرىپىدە مەن، شۇنچىلىك ھارغىن
بىر تەرىپىدە مۇمكىنچىلىكلەر كۆز يەتكۈسىز

ئۆيۈمگە كىرىۋالسام… شۇنچىلىك ئالدىرايمەن
ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئاچقۇچۇمنى سىلاپ قويىمەن
ئازراق ئۈمىد پەيدا بولىدۇ، مەندىكى بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىنمۇ ئازراق
مەن ئۆيۈمنىڭ ئورنىنى ئەسلىمەكچى بولىمەن
ئۆيۈم بىر كوچىنىڭ نەق ئىگىلگەن يىرىدە،
ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا ماڭا يېڭى تۇيۇلمايدىغان بىر تۈپ دەرەخ
(مەن بۇ دەرەخنىڭ ئىسمىنى باشقىلاردىن سوراپ باققان)،
ئۇ يەردىن دائىم بىر توپ كىشىلەر ئۈزۈلمەيدۇ؛
بەزىلىرى سۆرىشىدۇ، چاچلىشىدۇ
بەزىلىرى قانداقتۇر بىر مەسىلىلەرنى تالىشىدۇ
يەنە بەزىلەر بار
ئۇلارنىڭ ھېچكىم بىلەن ئالاقىسى يوق،
ئۇلار خاتىرجەم قاراپ تۇرىدۇ…

نەق ئاشۇ يەردە
بىردىنلا مېنىڭ كاللام ئىشلەپ، چۆچۈپ كېتىمەن:
سېنىڭ قاچان ئۆيۈڭ بولۇپ باققان
ئۆي ھەققىدىكى قىياسلىرىڭنى
سەندىكى ئاشۇ راھەت ئىستەش ئىستىكى پەيدا قىلغان

بۇ توختىغىلى بولىدىغان يول ئەمەس
يولدا ھەم ئۇخلىغىلىمۇ بولمايدۇ
ئەزەلدىن ئۆيۈڭ بولمىغاچقا
داۋاملىق مېڭىشىڭ كېرەك
بىر ئۆي بەرپا قىلىش ئۈچۈن
ئۆزۈڭنى بىر تال چالمىدەك تاشلايدىغانغا.

2016- يىلى 8- مارت

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ