بۇلبۇل بلوگى

0

بىر سائىلنىڭ رىسالىسى

227

قول-پۇتى ساق، قەلبى چولاق توكۇرمەن،

غۇرۇر سېتىپ مۇتقا، توقۇم توقۇرمەن .

 

سىياقىمدا بىچارىلىك، مىسكىنلىك،

بارغان يەردىن «چالما يۈدۈپ» قوپۇرمەن.

 

پارچە-پۇرات سەدىقىگە خوشۇم يوق،

چوڭ-چوڭ بەرسە ئاندىن رەھمەت ئوقۇرمەن.

 

ساددىلارغا ئېيتارىم شۇ: «دادام يوق،

پۇلسىز، كېسەل-ئۈچەيلىرىم سوقۇرمەن.

 

ئانام قارىغۇ، ئاكام پالەچ، ئىنىم گاس،

ئاھ ، نامراتلىق…» دەيمەن تىنىپ چوڭقۇر مەن.

 

«سېخىيلارنىڭ جايى جەننەت!» شۇ گەپتە

يانچۇقىنىڭ ئاغزى چىڭنى نوقۇرمەن.

 

ئالىقان ئېچىپ، دۇئا چېچىپ، كۆز ياشلاپ،

بەرمەسلەرنىڭ ئىنسابىنى چوقۇرمەن.

 

خەقنى ئالداپ تاپقىنىمنى ھەر ئاخشام

تاۋىكاغا خەجلەيدىغان موخۇرمەن.

 

ئاكام تېمەن، ئانام ساپساق، دادام بار،

( ئاغزى شالتاق، لەۋزى يالغان كۇپۇرمەن).

 

ياتار جايىم تۇغ-شەددىلىك گۈمبەزدە،

نىكاھىمدا ئىككى خوتۇن-پوخۇرمەن…

 

قول قاپارتىپ يۈرمىسەممۇ، يېنىم توم،

رىزقى كەڭرى، ئەقلى چولتا «خور-خور» مەن.

 

باغرى يۇمشاق مىللىتىم بار بەرگىلى،

بەرگەنسېرى قىچىشقاقتەك يۇقۇرمەن.

 

نامىم سائىل، ھېچنەرسىدىن كېمىم يوق،

خۇدا بەرگەن «ھالى ئېگىز ئوقۇر» مەن.

 

كېمىمغۇ يوق، يۈرەك پوك-پوك، غېمىم بار،

يۇرت شەنىگە  داغ، ساقايماس قوتۇرمەن.

 

دەپ قالسا ئەل: « ئىشلەپ يېگىن ئالدامچى!»

ھالىم چاتاق، ئۇ چاغ ئوپۇر-توپۇرمەن…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ