بۇلبۇل بلوگى

0

بىر قىز يىغلار

236

بىر قىز يىغلار بۇلاق باشىدا،
مەيۈس مەجنۇنتاللار قاشىدا،
كۆڭلى ئاھۇ كۆزى ياشىدا،
بېۋاپا كۆپ ئىكەن دۇنيادا.
نىگاھىدا ئاپتابلىرى بار،
نالەسىدە جاۋاپلىرى بار،
سۇنغان سۆيگۈ ئازاپلىرى بار،
بېۋاپا كۆپ ئىكەن دۇنيادا.
ماڭلىيىغا چۈشكەن كاكىللەر،
شۇ قىزچاققا قوشۇلۇپ يىغلەر،
بىر سۆز دىلغا سانچىدى تىغلەر،
بېۋاپا كۆپ ئىكەن دۇنيادا.
دىلدىن كۆچۈپ كەتسە خىياللەر،
يامان يوق ئىكەن جازالەر،
يالغان دۇنيا ئىكەن دۇنيالەر،
بېۋاپا كۆپ ئىكەن دۇنيادا.
ئەرمەك ئىكەن ئەمدى لەيلالەر،
مەجنۇن غېرب كەزگەن سەھرالەر،
تارىخ ئىكەن تاھىر زۆھرالەر،
بېۋاپا كۆپ ئىكەن دۇنيادا.
بىر قىز يىغلار بۇلاق باشىدا،
مەيۈس مەجنۇنتاللار قاشىدا،
كۆڭلى زارى كۆزى ياشىدا،
بېۋاپا كۆپ ئىكەن دۇنيادا.
قوي يىغلىما مىنىڭ جان سىڭلىم،
مەن ھەم سەندەك باغرى قان سىڭلىم،
ماڭا ھەم يوق مېھرىبان سىڭلىم،
بېۋاپا كۆپ ئىكەن دۇنيادا.
مۇھەببەت يوق ئىكەن دۇنيادا،
بېۋاپا كۆپ ئىكەن دۇنيادا.

 

* كاكىللەر-كوكۇلىسى

* * * * * * *

ئاپتورى: مۇھەممەد يۈسۈف
مۇھەممەد بابۇر تەييارلىغان

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ