بۇلبۇل بلوگى

0

بىر پارچىمۇ خەت يازمىغان ئايالغا بېغىشلاپ

658

تۇرۇپ بۇ ئىش مېنى چۆچۈتتى،
سەن ماڭا بىر پارچىمۇ خەت يازماپسەن
تۇغۇلغىنىڭدىن ئۆلگۈچە تا.
بارلىق خەتلىرىمنى چىقتىم ئاختۇرۇپ
بىر پارچىمۇ خەت يوق يېزىلغان ماڭا.

بىرىنچى خەتنى مەن يېزىپتىمەن
تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىسمىغا بىر تال ئەتىرگۈلنى قويۇپتىمەن
«بارمۇ سىز» دەپتىمەن-دە بىر تال چېكىتنى ھەم
ئىسمىمنى يېزىشنى ئۇنتۇپتىمەن.
ئۇنتۇپتىمەن ئۇنى بېرىشنى
ئۇنتۇپتىمەن يىرتىۋېتىشنى
ئۇنتۇپتىمەن گۇيا شۇ خەتتەك
جىمجىت ھالدا ئۇنتۇپ كېتىشنى.

ئىككىنچى خەتنىمۇ مەن يېزىپتىمەن
بۇ تولىمۇ ھارغىن خەت ئىدى
ھارغىن كۈزدەك سارغايغان ۋە
سارغايغان ئىدى خۇشپۇراق ھىدى.
ئۇنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ئويلىدىم
يۇلتۇزلۇق ئاخشامنى يىراقتا قالغان
بېسىپ كىردى ئۆيۈمگە بىردىن
تالادىكى بىگانە ئاسمان.
مەن بىر پارچە خەت بولدۇم
كەپتەر بولدى خىياللار
ئېلىپ كەتتى (بىلمەيمەن نەگە…)
ئەپ كەتكەندەك مېنى شاماللار

ئۈچىنچى پارچە خەتنى قولۇمغا ئالدىم
كېيىنكى خەتلەر پاتمىدى ئەمما.
ئۈچىنچى پارچە خەتتىكى بوش يەر
توختىغان ئىكەن تۇتۇشۇپ ماڭا.
ئۈچىنچى پارچە خەتتە يەنە
باھار كەلگەنلىكى ھەققىدە
ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان
تەپسىلات بار ئىكەن كىچىككىنە.
مەن ئۇنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم
لېكىن باھارنىڭ كەلمىگەنلىكىنىمۇ بىلەتتىم.
مەن ئۇ خەتنى ئاتقان ۋاقىتتا
ئىگىسىنىڭ قولىغا يەتمىگەنلىكىنىمۇ بىلەتتىم.

ماڭا بىر پارچە خەت يازساڭ بولمامدۇ
خەت يېزىلمىغان بىر پارچە ئاق قەغەزنى بولسىمۇ بەرسەڭ بولمامدۇ
يازماسمىدىم ئۇنىڭغا ئۆزۈم
سېنىڭ مېنى سېغىنىپ ياشاۋاتقىنىڭنى
مەن بولمىغان دەملەردە
ئۆزۈڭنى قىيادىن ئاتقىنىڭنى…
نىمە بوپتۇ يالغان بولسا
تاپماسمىدىم تەسەللىي شۇندىن
نېمە ئۈچۈن زادى نېمە ئۈچۈن
خەت يازمىغان بولغىيدىڭ جېنىم.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ