بۇلبۇل بلوگى

0

بىر ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بولۇپ قالما

186
بالام، يالغۇز ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بوپقالما،
ئىش-ئوقەتكە مەيلى يۇق، ئوينايدىغان بوپقالما.
سارايلارغا سازاۋەر بولغاندىمۇ ئۆمۈرلۈك،
گەمىلەرنى ياقتۇرماي، قونمايدىغان بوپقالما.
پېشايۋاندا كۆك كەپتەر يارىشىقى ھويلاڭنىڭ،
دەرگاھىڭدىن ئامەتنى قوغلايدىغان بوپقالما.
ئەقىل دېگەن ئىنساننىڭ ئەزەز جېنى بوپقالما.
بولۇپ چىقتى نائەھلى ئۆگەنگەنلەر نان ئىلغاپ،
دېھقان تۇرۇپ سەنمۇ نان ئىلغايدىغان بوپقالما.
قوغۇن تەرسەڭ باش بۇرنى كۆپنىڭ بولسۇن ئەڭ ئاۋال،
قوغۇن تېرىپ بىر خەمەك تىلمايدىغان بوپقالما.
چاشقانلىرى نەپسىڭنىڭ پۇل كەينىدىن قۇترىشىپ،
خۇدا بەرگەن رىزقىڭغا تويمايدىغاب بوپقالما.
دۇنيا يىغساڭ يىغ مەيلى، تەڭرى بەرسۇن ۋەلېكىن،
ئاناڭغىمۇ بىر توخۇ سويمايدىغان بوپقالما.
تارتىپ كۆرەر  تۈنلەردە ئشكىڭنى ئېزىتقۇ،
ئشىكىنى قەلنىڭنىڭ ئىلمايدىغان بوپقالما.
ئەمەل تۇتساڭ ئەل تۇرسۇن ئۆز ئاناڭدەك يادىڭدا،
دەردمەن كەلسە ھال ئېيتىپ، تىللايدىغان بوپقالما.
قېچىپ يۈرەر ياخشىلار ھەر دوقمۇشتا شەيتاندىن،
سەن شەيتاننى ئەكسىچە، چىللايدىغان بوپقالما.
ئۆز بېغىڭدا گۈل تۇرۇپ تۈمەن گۈلگە بەرگۈسىز،
ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىن خىللايدىغان بوپقالما.
ئادالەتنىڭ ناخشىسى ياقمايدىغان يۈرەك يوق،
ياقمايدىغان نەخشىنى توۋلايدىغان بوپقالما.
ئالقىنىڭنىڭ پاكلىقى دەرگاھىڭغا شەرەپشان،
يانچۇقىنى پوقرانىڭ كولايدىغان بوپقالما.
يېڭى ئەسىر سېنىڭدىن يېڭى ياشلىق كۈتمەكتە،
ئىختىرا قىل، ئىجاد قىل، دورايدىغان بوپقالما.
ياشانغاندا ياخشى نام ئالالمىساڭ ئالەمدىن،
بارمىقىڭنى پۇشماندا چىشلەيدىغان بوپقالما.
ئالەم ھۆكىمى شۇنداقمىدۇ
ئانا ئېيتقان ئەللەيلەرگە،
قانداق ناخشا يېتەلەيدۇ؟
ئانا چەككەن جاپالارنى،
قانداق باتۇر يېڭەلەيدۇ؟
ئانا،دەيمىز يىراقلاردىن،
ئەجەب شۇئان يېتەلەيمىز.
ئالەم ھۆكۈمى شۇنداقمىدۇ،
ئەجەب بىللە ئۆتەلەيمىز.
ئۇچۇپ كەتتۇق يىراقلارغا،
ئاق يول تىلەپ ئانا قالدى.
پاراغەتنى بىزگە بېرىپ،
مۇشەققەتنى ئۆزى ئالدى.

جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق
دەردسىز ئوغۇل تۇغمايدۇ ئانا،
تۇغۇلمايدۇ بەختىيار قىز ھەم.
كۈلكە بىلەن كۆز ياش قوشنىدۇر،
شۇنداق ياشاپ كېلۇر ھەر ئادەم.

قىينالساڭمۇ ئۆتىدۇ بىر كۈن،
يايرىساڭمۇ ئۆتىدۇ بىر كۈن.
بىلەلىسەڭ ياشاشنى قانداق،
گۈل تۇتىدۇ سەن ئۈچۈن ھەر كۈن.
كىمدۇر بىرى يۈرىدۇ غەملىك،
غەم-قايغۇمۇ گاھى بىردەملىك.
جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق،
بىر يەر قاقاس، بىر يەر چىمەنلىك.
خۇشال تۇرغىن تاڭ ئاتقاندىمۇ.
خۇشال قالغىن كۈن پاتقاندىمۇ،
ئىزدىن چىقما راھەت كۆرگەندە،
چىداش كېرەك دەرد تارتقاندىمۇ!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ