بۇلبۇل بلوگى

0

بىر كۈنى

188
بالاڭ ئازسا ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.
گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇن ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.
ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەريان چاپسا-چاپمايدۇ؟
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى.
”ئاق“نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇن پۇشايمان،
قاراپ ئۇلاركەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى.
كوچىلارغا كۈن بويى بۈگۈن ياتماي يۈرگەنلەر،
چىللسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.
تەييار توقاچ قولۇڭدىن تەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىر كۈنى.
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار.
خۇددى سەندەك ئۆي توتۇپ ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.
كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
ئۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.
بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ قەدىرلەپ،
ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.
شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق.
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.
يامان دېسەڭ بالاڭنى كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ