بۇلبۇل بلوگى

0

بىر ئادەم

264

بىر ئادەم ئولتۇرىدۇ

يوغان قارىياغاچنىڭ ئاستىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا

ئىشتىنى تىزىغىچە تۈرۈگلۈك

قارىداپ كەتكەن چىرايى قارىياغاچنىڭ قوۋزىقىدەك ئىپادىسىز

ھېچيەرگە قارىمىغاندەك قاراپ مەلۇم بىر يەرگە.

 

قۇشلار بىرسى مەجبۇرلىغاندەك بەس-بەستە سايراشماقتا

قارىياغاچنىڭ ئاق چېچەكلىرى ئۇچۇپ يۈرىشىدۇ

چىملىققا سۇ پۈركۈلمەكتە

كۈن ئۇدۇل كېلىپ باشقا چۈشمەكتە

بىر ئادەم ئولتۇرماقتا خۇددى ھېچيەردە ئولتۇرمىغاندەك.

 

تۇيۇقسىز ئىچىدىن بىر نەرسە ئېتىلىپ چىقتى

دەسلەپ كۈلكىدەك ئۇ ئادەمنى ئالدى كەينىگە ئىغاڭلاتتى

كېيىن يىغىدەك پەسكە ئىگىپ پۈكۈۋەتتى

يۈزى قىزىرىپ كەتتى

تومۇرلىرى كۆپۈپ كەتتى

كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى

ياشقا قوشۇلۇپ بەلكىم يەنە بىر نەرسىلەر چىقىپ كەتتى.

 

سەل نېرىدىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن نەچچە مىڭ يىللىق پۇراقلار كېلىپ تۇرىدۇ

ئالدىكى قۇرۇق ئۆستەڭدە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بەختلىك ئەخلەت چاۋارلار بار

بىنالارنىڭ ئاستىدا كالۋا مۈشۈكلەر چەكچىيىپ قاراپ تۇرىشىدۇ

ئەزىزلەنگەن ئەتىۋارلىق ئىتلار ھاكاۋۇرلارچە ئايلىنىپ يۈرىيدۇ

ئەتراپتىكى ئورۇندۇقلاردا قىز-يىگىتلەر بەختنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالدىراش

مەن كۆكتات ئالغىلى چىققانلىقىمنى ئۇنتۇپ ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىدىن نەچچە رەت چاندۇرماي ئۆتتۈم.

 

 

ئورۇندۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى

قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرىنى

سۇ پۈركىگۈچنىڭ رېتىملىق تاكىلدىشىنى

كۈننىڭ ئىسسىقلىقىنى

پۇراقنىڭ سېسىقلىقىنى

قىزلارنىڭ كۈلكىلىرىنى

ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن مېنى

ۋە بەلكىم پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇپ

بىر نەرسىنى ياكى بىرسىنى ئويلاۋاتقان بۇ ئادەمگە قاراپ

ئىختىيارسىز سېنى ئەسلەپ قالدىم.

 

2015-يىل 17- ماي ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ