بۇلبۇل بلوگى

0

بىلمەپتىمەن

282

ئىگىلىپ قىلسا تازىم مەككار ئىكەن بىلمەپتىمەن،
قاش ئېتىپ ئويناتسا كۆز ھەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.
قەدىردانىم ئۈلپىتىمسەن جان – جىگەرىم دوستۇم دېسە،
يەڭ ئىچىدە خەنجىرى تەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.

 

گاھىدا بازغانمۇ ئۇردۇم، گاھىدا باستىم كۆيەك،
ئوتتا توۋلاپ كۆرمىگەچ قۇيۇپمۇ – تۆمۈر بىلمەپتىمەن.
ئايلىنىپ تاغلار ئارا قازدىن باھاسىز تاشنى مەن،
ئۇستا زەرگەر بولمىغاچ ئالتۇنمۇ – مىس بىلمەپتىمەن.

 

ئاخىرى تاپتىم بۈگۈن چىن ۋاپادار دوستۇمنى مەن،
ئاغرىتىپ ئېيتقان سۆزنىڭ مەناسىدىن بىلمەپتىمەن.
كۆزلىرىمگە ماي تولۇپ، ئەكسىچە كۆرگەن چاغلىرىم،
ئېچىنىپ تىككەن كۆزنىڭ زەردىسىدىن بىلمەپتىمەن.

 

ئاپتورى: سەيپىدىن ئەزىزى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ