بۇلبۇل بلوگى

0

بىلال نازىم

285

سەھەردىن تۇغۇلۇپ ناۋاغا تولغان ،
ئىلى باغلىرىدا كەزگەن بىر قۇشمەن.
نۇزۇگۇم دەردىنىڭ گىرداپلىرىدا ،
ھىجرانغا چۆمۈلۈپ ياتقان بىھۇشمەن.

سادىرنىڭ يوللىرى تاغلارغا تۇتاش ،
مەن پۈتكەن نامىغا شاھانە قۇرباش.
سادىرنىڭ يوللىرى دەرياغا تۇتاش ،
قۇياشلار بۇ دەريا كۆتۈرگەن ئوتقاش.

مەردانە ئېقىندا چايقاپ خىيالىم ،
دولقۇندىن دولقۇنغا كۆچۈپ تۇرىمەن.
يەتتە سۇ كۆكىدىن مىڭ-بىر كۆز بىلەن،
دەريانىڭ ئەۋجىنى كۈتۈپ تۇرىمەن.

مەن ئېيىتقان پىغانلىق ناخشىلار بۈگۈن،
بارمىدۇ بالىلار قۇلاقلىرىدا.
مەن قەلەم بىلىگەن تەۋەررۈك قىيا،
بارمىدۇ ئابرالنىڭ قۇچاقلىرىدا.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ