بۇلبۇل بلوگى

0

بېزەكلىك

255

قاقلىنىپ ئاپتاپتا ياتقان بىر جىرا،

ئەجدىھادەك تولغىنىپ ئاققان سۈيى.

ئىككى يان مىستەك قىزارغان توپا تاغ،

قاسنىقى بىر يار ئىكەن تېرەك بويى.

ئاشۇ يارنىڭ باغرىدا تىلسىم كەبى

توپا غارلار بار ئىكەن قاتار-قاتار.

ئۆتسىمۇ شۇنچە ئەسىرلەر ئارىدىن،

كۆزىنى يۇمماي ھامان ئويغاق ياتار.

نېمىنى ئويلايدىكىن ئويغاق يېتىپ،

سەرگۈزەشتلەر يادىغا يەتتمىكىن؟

ياكى قونغان چاڭ-توزانلارغا قاراپ،

كۆڭلى ھەريان چېچىلىپ كەتتىمىكىن؟

ياكى شۇم ئالۋاستىلار غەزىپى

قاينىغاچ، ئاچچىق يۇتۇپ ياتامدىكىن؟

ياكى كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ھەتتا يۈرەك

ئۆزرە تەگكەن تىغ ئىزى قىينامدىكىن؟

ياكى ئوبدان ئاسرىماي قويغان ئۈچۈن،

بىزنىمۇ كايىش بىلەن قارغامدىكىن؟

كايىساڭ ھەم قارغىساڭ، ھەققىڭ سېنىڭ،

ئەي گۈزەل سەنئەت پىرى قورغان ماكان.

راست ئەمەسمۇ، دۆڭ پېشانە تەلۋىلەر،

باش – كۆزۈڭگە يۇندا چاچتى بىر زامان.

خارلىدى ئۈنچىنى دەسسەپ، چەيلىدى،

كىردى گويا باغقا بىر تۈركۈم قاۋان.

نە ھايا، نە قالدى سەنئەت، نە تۈزۈم،

نە تىرىككە كۈن، نە ئۆلۈك قالدى ئامان.

ئۇنتۇماس ئەۋلادلىرىڭ، ھېچ ئۇنتۇماس،

كۆزلىرىڭنى چوقۇغان شۇم قاغا كىم؟

قان پۇراپ كەلگەندە ئاچ كۆز بۆرىلەر،

يول بېرىپ، سېنى تالاتقان دورغا كىم؟

ئاڭلىغانسەن، ئەمدى گۈلدۈرمامىدەك

ياڭرىدى ئەلنىڭ ئۈنى كۆپ ياڭرىغاق،

ئىنتىقامنىڭ شەمشىرى قىنىدىن چىقىپ،

چالدى تارىخ ”سوت ئوچۇق“ دەپ قوڭغۇراق.

1980-يىل 4-ئۆكتەبىر، تۇرپان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ