بۇلبۇل بلوگى

0

باش ئاغرىقى

195

ئىچىمگە يۇتۇۋەتكەن گەپلەر ۋە ئىشلار نۇرغۇن.

بەزىدە ئۇلار كېسەلگە ئايلىنىپ دورا يەيدىغاندەك،

بەزىدە قارا بولۇپ پات-پات بېسىپ تۇرىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ:

باغقا كۆمۈۋېتىلگەن بىر جەسەت

دائىم كەلكۈن كېلىپ ئېچىلىپ قالىدۇ.

گۆرلەر قايتا ئېچىلىپ چىققان پۇراقلار

كانارىغا ئېسىلغان چالا چىرىگەن مېيىتلار.

يېزىدىكى تېرەكلىرىمىز ئىچىدىن سېسىپ كېتىدۇ.

بىر پارچە كېگىزلا سېلىنغان

قارا سۇۋاقمۇ قىلىنمىغان كېسەك تاملىق ئۆيگە

باشلىنىمەن توي كېچىسى…

كوچىغا چىقىپ يالىڭاچ ئىكەنلىكىمنى بايقايمەن.

ئېگىز تامدىن

يار بېشىدىن

دەرەخنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىمەن.

بىر خالتا يىرتىق پارچە پۇلنى كۆتۈرۈپ دادامنى يوقلىغىلى يۇرتۇمغا بارىمەن، بىرسى مېنى تىك ئۇچاردا ئاپىرىپ قويىدۇ. دادام يىغلامسىراپ تۇرۇپ، مەندە پۇل بار بالام، ئۆزۈڭ ئىشلەت، دەيدۇ…

يېقىنلىرىم ئۆلۈپ كېتىدۇ

سۇدا تۇنجۇقۇپ قالىمەن

ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىمەن

مېنى تۇتماقچى، ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ

قېچىپ كېتەلمەيمەن.

پەلەمپەيدىن ئاپئاق كېيىملىك بىر ئادەم چۈشىدۇ

ماڭا قاراپ كۈلۈمسېرەيدۇ

ئىنسانىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كۆرۈپ باقمىغان ئۇ چىراينى

بىر قاراپلا تونۇۋالىمەن

لېكىن ئىسمىنى دېيىشتىن قورقىمەن…

سول پۇتۇڭنى يوتاڭدىنلا كېسىۋېتىمىز، دەيدۇ

كۆز ئالدىمدىلا ھەرىسىنى تەييارلايدۇ.

تېلېفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزىمەن.

 

باش ئاغرىقىنىڭ چىداشتىن باشقا دورىسى بارمۇ؟

 

2015.7.3

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ