بۇلبۇل بلوگى

0

بارسا كەلمەس يول

210

كىشنەيدۇ  تەبىئەتكە قوشۇلۇپ  ئىللىق  ،
ئەسلىمە  كۆركىدە  قان  بولغان  يۈرەك  .
يالغۇز  بىر  ئايالدەك  يىقىلدى  يەرگە  ،
ھە  ئەنە  يېنىمدىلا  كېسىلگەن تېرەك  .

 

مېھرىمگە  سېنى  دەپ  ياغماقتا  توپا  ،
ئاجايىپ  گۈزەل  ھەم  ئاجايىپ  دەھشەت  .
بىلەمسەن  مەندىكى  ئازاپ  ھوزۇرى  ،
مۇشۇ  دەم تېرەك  بوپ كۆكلىدى  رەت -رەت  .
 
شۇندىمۇ  چۇل – چۇل  بولۇپ كەتمىدىم  يەنە ،
سۈكۈتنى  مەن  سەندىن  ئۆگەنگەن جېنىم  .
باغلىرىم  پايخان  بولسۇن  ، تاغلىرىم  قامال  ،
ياش بولۇپ  ئاقمىدىم ھەرگىز  بىر  تېمىم   .
 
شۇ  كېچە  ئاسماندا  سېنىڭ  يۇلتۇزۇڭ  ،
كۆزۈمدىن  زۇلمەتنى  تارتقان  ئاۋايلاپ  .
ئىسسىق  بىر  تۇيغۇدا  جۇغۇلدايمەن  ئاھ  !
سەن  يەنە  ئۇ  يولدا  تۇرغاندەك  شۇ  تاپ  .
 
قەغەزدەك  نېپىز  ھەم  قۇرۇقتۇر  ۋاقىت  ،
ئىشخانا  ئەزمەكتە  خىياللىرىمنى  .
شىۋىرلاپ  باقىمەن  ئۆزۈمگە  تەكرار  ،
ۋاز  كېچىش  ئىرادە  ،  دىگەنلىرىڭنى  .
 
سادامغا  شىئېر  ئوقۇپ  بەرگىم  كېلىدۇ  ،
كېلىنتون  سۇخانىدىن  چىقىدۇ  ھەيۋەت  .
ئامالسىز  شىرەدىكى بىر  قەۋەت  چاڭنى  ،
سەن  تۇتقان  قولۇمدا  سۈرتىمەن  رەت  – رەت  .
 
مۈشۈكنىڭ  تىرناقلىرى  ئېسىمگە  كېلىپ  ،
بىر  قۇتا  سىياھنى  تۆكىمەن  يەرگە   .
ئانىلار  خاتىرجەم  ،  ئاتىلار  رازى  ،
قىزىنى  بەرسىلا  ئوبدان  بىر  ئەرگە  .
 
ئۆيۈمنىڭ  ئىشىكىدىكى  قاپ -قارا  قۇلۇپ  ،
شاراقلاپ  ئېچىلار  كېچىدەك  گويا  .
ئوت  ياقسام  ئوچاققا  چاي  قاينىتاي  دەپ  ،
ئۆمۈرلۈك  پىغانىم  قاينايدۇ  چايدا  .
 
چېچىمنى  چۇۋۇماي  ، يالاڭ ئاياغ  پېتىم  ،
چېقىلغان  ئەينەككە  قارايمەن  ئىللىق  .
دېرىزە  تۈۋىدە  چېچەكلەر  تىمتاس  ،
جان بالام  ئات  ئېتىپ  ئوينىغان چىۋىق  .
 
ھەيرانمەن  ھېسلىرىمغا  تۆكىدۇ  ئارمان  ،
ئۇ  بىلىپ  قالغاندەك  كۆڭلۈمدىكىنى  .
باغرىمدا  بېلىقتەك  پىلتىڭلاپ تۇرۇپ  ،
ئوقۇيدۇ  سادىرنىڭ  قوشاقلىرىنى  .
 
پاختىنىڭ  ئىچىدە  بىر  تال  چوغ  ساقلاپ  ،
كۈنلەرنى  ئۆتكۈزۈش  ئاسانمۇ  ئەمەس  .
قۇشلارنىڭ  دەردىنى  سۆزلىيەلمەيدۇ  ،
قۇرۇغان  گۈل  بىلەن  لىق تولغان قەپەس  .
 
ماشىنا  چاقىدا  چەكسىز  رىياللىق  ،
چانالغان  يىلاندەك  تولغاندى  يوللار  .
كېچىنىڭ  تېنىقىنى  يالمايدۇ  يۇلتۇز  ،
ئاھ  ، يەنە  مۇلايىم  كىرىشتى  قوللار  .
 
بۇ  يولدا  تېرەك  يوق  ، چىملار  كۆرۈنمەس  ،
يىراقتا  ۋىلىلدار  كوچا  چىرىقى  .
ئۈچ  ئېشەك ھارۋىسى  ئۇزىدى  لەرزان  ،
كېلىدۇ  ئۇنىڭدىن  سامان  پۇرىقى  .

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ