بۇلبۇل بلوگى

0

باردۇر

285

جاھالەت سەمەرسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.

زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بۇلۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز-ئوقۇتارمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

تەئاۋۇنۇ-تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يىڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىغقانىمىز باردۇر.

يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.

ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.

بىرسى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانىمىز باردۇر.

ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.

ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.

خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىپ زاھىر بۇلۇپ قالسا،
يۇشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.

بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قېلىپ غەپلەت، جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.

كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

ئۇيۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا بىئەپ بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

خوشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ-شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ يالغانىمىز باردۇر.

ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى، ئامبال، دارېن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.

ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا،
مېنىشكە قوتۇر ئىشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

گۈركىرەپ كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە ئەي، خۇدايىم دەپ،
ئەقلىنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

ھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قويغانىمىز باردۇر.

مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

مۇنەججىم ھەم ئىنژېنىر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇ سەللە، نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.

ئەل-يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاخشىما،
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

1921-يىلى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ