بۇلبۇل بلوگى

0

بارچىدىن ۋەتەن مۇقەددەس ئىكەن

188

كىرسەڭمۇ لوقمان كەبى مىڭ ياشقا،
سۆيەرىمىز يوق ۋەتەندىن باشقا.
ۋەتەن دەپ كۆيەر ياققان ئوتىمىز،
قازانلار تەييار بىللە قايناشقا.
بىزدە ۋەتەن بار، پەرىشانلىق يوق،
ئورمانلىرى ئۇز، تاغ-تاشلار ئۇلۇغ.
ۋەتەن دەپ تۆككەن قانلار شەرەپلىك،
ۋەتەن دەپ تۆككەن كۆز ياشلار ئۇلۇغ.
ئېتىزلار ۋەتەن، ئۆتەڭلەر ۋەتەن،
ۋەتەنىنىڭ بۇ جان، ۋەتەنىنىڭ بۇ تەن.
قامۇسلار كۆرسەڭ ئەجدادلار يازغان،
بارچىدىن ۋەتەن مۇقەددەس ئىكەن.

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ