بۇلبۇل بلوگى

0

بالام بولسا، شۇنداق بولسا

248

(بىر ئانىنىڭ ئاغزىدىن)

بالام بولسا، شۇنداق بولسا،

ئاق سۈتۈمدەك ھالال بولسا.

ھالال بەرگەن ئاق سۈتۈمگە

ھەربىر ئىشى مىسال بولسا.

بالام بولسا، شۇنداق بولسا،

تېشىپ تۇرغان دەريا بولسا.

گۈللەندۈرۈپ باياۋاننى،

ئۆزى بۇلبۇلگويا بولسا.

بالام بولسا، شۇنداق بولسا

بېلىقى مول كۆلدەك بولسا.

ئەل كۆڭلىنى ئوۋلايدىغان

خۇش پۇراق گۈلدەك بولسا.

بالام بولسا، شۇنداق بولسا،

قەلبى قىزىل چوغدەك بولسا.

ئەل سەپەرگە ئاتلانغاندا،

ئالدا ماڭار تۇغدەك بولسا.

بالام بولسا، شۇنداق بولسا،

ئىچى-تېشى ئېرىغ بولسا.

ئېرىغلىقتا سۈزۈك سۇدەك

كىرنى قويماي ئېرىغدىسا.

چىداملىقتا پىلدەك بولۇپ،

جىمى يۈكنى يۈدەلىسە.

ئەل بەختىچۈن كېرەك چاغدا،

زەھەرنىمۇ يۇتالىسا.

بالام بولسا، شۇنداق بولسا،

سۇنى كۆرسە بېلىق بولسا؛

شۇڭغۇپ دەريا-دېڭىزلارغا،

ئۈنچە-مارجان تېرەلىسە؛

ئوتنى كۆرسە، سەمەندەردەك

يالقۇن ئىچرە كىرەلىسە؛

تاشنى كۆرسە ئالماس بولۇپ،

تاغ باغرىنى تېشەلىسە؛

دوستنى كۆرسە گۈلدەك يايراپ،

مەن ئېمىزگەن سۈتتەك بولسا؛

ياۋنى كۆرسە دەھشەت سېلىپ،

يالقۇن چاچار ئوتتەك بولسا.

1983-يىل نويابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ