بۇلبۇل بلوگى

0

باھار ۋەسلىگە مۇشتاقلىق

200

چىراغ ئوتىدا پەرۋانە كۆيەر مەردانە-مەردانە،

گۈزەل ۋەسلىڭگە، ئەي دىلبەر، بولاي قۇربانە-قۇربانە،

كۈلۈپ كەلگەنىدىڭ بىر چاغ، يېتىپ ۋەسلىڭگە گۈلشەن باغ،

قايان كەتتى ئاشۇ كۈنلەر، كۈنۈم سەرسانە-سەرسانە.

پىراقىڭدا بولۇپ مەجنۇن، يانارمەن شەمئىدەك ھەر تۈن،

ئېزىپ جىسمىم، ئاقار كۆزدىن يېشىم دۇردانە-دۇردانە.

ساچىم بەلدە، ھاسام قولدا، بۇ نۇرسىز كۆزلىرىم يولدا،

كىشى كۆرسە بۇ ھالىمنى، بولۇر ھەيرانە-ھەيرانە.

گۈزەل ھۆسنۈڭنى بىر كۆرەي، ئاياغىڭدا بېشىم قويماي،

ئۆتەرمۇ ئۇشبۇ ھەسرەتتە ئۆمۈر غەمخانە-غەمخانە؟

يېنىپ كەلسەڭ يەنە باغقا، قونۇپ بۇلبۇل كەبى شاخقا،

تاماشا ئەيلىسەم بىردەم يۈرۈپ سەيلانە-سەيلانە.

جامالىڭ نۇرىلە بىردەم مۇنەۋۋەر ئەيلىسەڭ كۆلبەم،

سائادەت شۇ ئىدى مەڭگۈ ماڭا يېگانە-يېگانە.

قۇياش يۈزىگە كىر قونماس، ئۈمىدنىڭ قانىتى سۇنماس،

يولۇڭدىن نائۈمىد بولماق ماڭا بىگانە-بىگانە.

نەۋائىي ئىزىدىن مىسكىن كۆرەي دەپ مەيدە يار ئەكسىن،

ئېلىپ قولغا ساپالنى كېزەر مەيخانە-مەيخانە.

1970-يىل 30-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ