بۇلبۇل بلوگى

0

باھار كەپتۇ

194

ئاپئاق قارلار بارا-بارا
ئەگىز بولدى ئېتىز ئارا
كەپسىز پۇتۇم كوچىلاردا
يىتىشمەكتە بالىلارغا…

بىر رو چىۋىن پەنجىرىدە تىرىلمەكتە
… كۆتۈرۈلدى، قانات قاقتى، ئاستا-ئاستا…
باھار كەلدى
باھار كەلدى
غىڭشىپ-غىڭشىپ ئېيتار ناخشا…

كۆزلىرىدە ھايات ھىدى
يالتىرايدۇ قاناتلىرى
پارقىرايدۇ تۇمشۇقلىرى
پارقىرايدۇ ماياقلىرى
ئۇزۇن-ئۇزۇن بارماقلىرى…

چەكسىز دۇنيا
يېشىل ھايات
قارىچۇقىدا تۇرار چاقناپ
تىرىلدۈردى ئاپتاپ ئۇنى
غىڭشىپ ئېيتقان ناخشىسىنى
لەرزان ئۇسسۇل، پەرۋازىنى…

ئالتىنچى قەۋەت
نۇرلۇق دېرىزەم
ھەممىمىز بىنادىن سەكرەيلى
قوشۇلۇپ كېتەيلى قۇشلارغا
يامغۇرنىڭ بىر تامچىسىغا…

ھايات-ھايات
يۇقىرىدىن پەسكە…

2011- يىل 4-ئاي غۇلجا.
مىتافورا
نېچۇن گۈزەل
ئىشەنمەيمەن گۈزەللىكىڭگە
چېچىلغان قاندەك
ئېچىلغان گۈللەر

نېچۇن ياپراق يېشىل شۇنچە
ئىشەنمەيمەن ياپراقلىرىڭغا
سانسىز قۇشلار
سايرار بېھىشتا

نېچۈن يامغۇر سۆيمەس تۇپراقنى
سانجىلماقتا كۆكسۈمگە
سانسىز ئوقلار

نېچۈن پۇتمەس سۆيگۈم قىسسىسى
قەبرە تېشىمغا
چېكىلگەن قۇرلار

2012-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ