بۇلبۇل بلوگى

0

باھار كەلدى

234

باھار كەلدى، جاھان كۈلدى، كۈلەر مەستانە-مەستانە،

ئېرىپ قار-مۇز، ئاقار ئەگىز، ئاقار دۇردانە-دۇردانە.

باھار كەلدى، ياشاردى چۆل، ياشاردى ھەم ساماۋى كۆل،

بۇقۇلداپ قىردا كەكلىكلەر كېزەر ھەر يانە-ھەر يانە.

بۇلۇتسىز كۆك گويا ئەينەك، ئۇچار كۆكتە قاتار لەگلەك،

نە لەگلەك، بەلكى ئاق قۇلار ئۇچار جەۋلانە-جەۋلانە.

باھار كەلدى، چىمەن كۈلدى، چىمەندە گۈل تۈمەن كۈلدى،

نە گۈلكى، ھەممە جان كۈلدى، كۈلەر جانانە-جانانە.

چېچەكلەر بەرگىدە شەبنەم، قۇياشتا يالتىرار ھەر دەم،

ئېچىلغاچ گۈل، قىزىل مەيگە تولۇر پەينامە-پەينامە.

باھار كەلگەچ يېتىپ باغقا، قونۇپ بۇلبۇل كەبى شاخقا،

سەنەممۇ سەيلىگە چىقتى، يۈرۈپ سەيلانە-سەيلانە.

باھار كۈلدى، قۇياش كۈلدى، قۇياشلىق ئەلمۇ خۇش كۈلدى،

رەقىبلەر قان يۇتار ئەمدى، كۈنى ۋەيرانە-ۋەيرانە.

باھار كەلدى، ياشاردى جان، جىرىڭلار قولدا ئالتۇن جام،

بولۇپ ئەل بەختىگە ساقىي، كېزەي مەيخانە-مەيخانە.

1980-يىل 23-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ