بۇلبۇل بلوگى

0

باھار ھەققىدە غەزەل

182

كەل، ئەي دىلبەر، تاماشا قىل بۇ نورۇزدا بۇ دەۋراننى،

ئۇپۇقنىڭ مەڭزىدە كۈلگەن سابادەك باھارىستاننى.

كېچە گۈل ياپرىقىدەك قان ياقاسى چاك-چاك بۇلبۇل

سەھەر قەشقەر راۋابىدا قۇچاقلار ئارزۇ-ئارماننى.

چۈشۈپ كۆكتىن قارا يەرگە گوياكى بىر مۇقەددەس قۇت،

باھار ياغدۇسىنى چاچتى، سۈرۈپ چەتكە زىمىستاننى.

ئېرىپ قار-مۇز، ئەزىم تارىم چېچىڭدەك تولغىنىپ ئاققاچ،

خىيالىم تاپتى ئىلھامغا گويا بىر بەھرى ئومماننى.

يېشىل قىرغاق يۈزى گۈل-گۈل، ئۇ گۈللەر بەرگىدە شەبنەم،

قوشار جانغا يەنە مىڭ جان، چېچىپ ھەر تاڭدا رەيھاننى.

ئېچىلسا لەۋلىرىڭ ياڭلىغ كۈلۈپ لالە بىلەن چوغلۇق،

نە ھاجەت ئىزدىمەك ئەمدى يۈرۈپ لەئلى بەدەخشاننى.

بۇ زۇمرەت ۋىدىدا ئاھۇ-كېيىكلەر سەكرىشىپ ئويناپ،

سالار يادىمغا ھەر لەھزە سېنىڭدەك خۇش خىراماننى.

ئۇچارلىقلار قانات قاقسا ۋىچىرلاپ جۈپ-جۈپى بىرلە،

ئالارسەنمۇ ئېسىڭگە مەن كەبى ھالى پەرىشاننى.

كەل، ئەي دىلبەر، پۈتۈپ جان رىشتىدىن تىلتۇمار مەخسۇس،

يامان كۆزلەردىن ئاسرايلى بۇ نادىر باھارىستاننى.

1987-يىل 21-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ