بۇلبۇل بلوگى

0

بابۇر غەزىلىگە مۇشائىرە

162

كۆرمىدىڭ سەن، ئەي كۆڭۈل، ئارامى جاندىن ياخشلىق،

ئەمدى قانداق كۈتكۈلۈك ئەھلى زاماندىن ياخشىلىق!

ياخشىغا قويغان ئەقىدە ھاسىلى بولسا جاپا،

نە ئەجەبكىم، كەلمىسە ھەرگىز ياماندىن ياخشىلىق.

بىر يامان مىڭ بىر يامانلىق قىلسا جانغا نە ئەجەب،

بەك ئەجەب بىر ئىش بولار كەلسە چاياندىن ياخشىلىق.

ۋاھ، لېكىن ئات تەپسىمۇ، بۆرە ئەمەستۇر زاتىدىن،

گەر يامان ئۇچسا پەلەككە ھەم، كۈتمە ئاندىن ياخشىلىق.

ياخشىدىن كەلسە يامانلىق ھەم، ئاڭا قىل ياخشىلىق،

يانمىسا ئاندىن ساڭا، يانغاي پالاندىن ياخشىلىق.

ئىستە، ئۆتكۈر، ياخشىلىقنى بارچە ئەۋلاد بەختىگە،

كۆرمىسەك ھېچ گەپ ئەمەس ئەھلى جاھاندىن ياخشىلىق.

1971-يىل 1-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ