بۇلبۇل بلوگى

0

ئازاب دېڭىزى

214

مەن ئازاب دېڭىزىدا بوغۇلۇپتىمەن

ئاڭلىمايمەن پاراخۇت گۈدۈكلىرىنى، چايكىنىڭ سايراشلىرىنى

دولقۇنلار ھەر كۈنى  باشقا بىر قىرغاققا ئاتار مېنى

ئاڭلايمەن يوسۇنلارنىڭ مەن ئۈچۈن يىغلاشلىرىنى

 

ئۆلۈكمەن ئاللىقاچان، بىر قارىغىنە كۆزلىرىمگە

كۆر، ئىچىمدىكى ئۇ قانلىق ئەينەك پارچىلىرىنى

بۇ نېمە دېگەن قاراڭغۇ، زىنداندەك كېچە بۇ

پۈتۈن كېمىلەر ئۆچۈرۈپتۇ چىراقلىرىنى

 

مەن ئازاب دېڭىزى بولۇپتىمەن، يېقىنلاشما

سۇلىرىم تۇزلۇق، سۇلىرىم ئوغا-زەھەر

قارىغىنە؛ ھەممىسى ئىچىمگە تۆكۈپتۇ ئارتۇقلىرىنى

 

بۇ قاراڭغۇلۇق تۈگىسە، ئاي بىر تۇغسا

بىر تەلۋە شامال چىقسا؛ ئېلىپ كەتسە

يىللار ئىچىمگە تاشلىغانلارنى…
 

* * * * * * *

ئاپتورى: ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ