بۇلبۇل بلوگى

0

ئايسىز ئايدىڭ

211

ئايسىز ئايدىڭسەن

دۇنيانى

كۆرسەتكەن كۆزۈمگە ئوغۇز رەڭگىدە؛

دولقۇنلىرىڭ قۇيۇلماقتا باغرىمغا،

چۈشۈرگەمدىن تاشتى شاماللار …

كېپەنلەردىن تاشلىدىم قاسراق،

قاڭقىپ چىقىپ يالتىرىغان ئاسماندىن

شۇڭغۇپ كىردىم بوغۇزىغا بوراننىڭ،

قوغلاندىم

ئامانەتكە بەرگەن ئۆيۈڭدىن،

يېيىلدىم

نۇر بەرقىگە ھامىلىدار غايىبانە چېھرىڭنىڭ –

شولىسىغا باغلىنالماي تىتىلىپ تۇرغان

يورغا يوللارغا …

بارماقلىرىمدىن قاچتى تېيىلىپ

شىلىمشىق قۇببەڭ،

شەيتان خەمەكلىگەن چۆنەكلەر ئارا

ئۇرۇقلارنىڭ بۆكتۈرمىسىدىن

بىخلىماقتا پېلەكلىرى ناخشاڭنىڭ؛

غوزەكلەرنىڭ ئارامگاھىدا

نۇر پىلىسى ئىشلىمەكتىسەن،

يىپەكتەك ئەۋرىشىم قەددىڭنى سوزغانچە

سۈكۈناتنىڭ بۇرجەكلىرىگە.

سەن كىمنىڭ كۆكتىكى قەبرىنامىسى؟

ئايسىز ئايدىڭسەن،

كۆكسۈڭدىن باشلانغان رەڭلەر بەزمىسى.

نەپەسلەرنىڭ كاۋاكلىرىدىكى پايانسىز يايلاقلاردا

پىنھان قىيغىتىپ تۇرغان دېڭىزلار پادىسى،

دەملەر تۆشۈكىدىن نەي ئاۋازىدەك

جاھاندا پاتمىغان ئىشرەت نەغمىسى.

خۇش پۇراق شەھۋەت قىيانلىرىنى

نازاكەت سەھنىسىدە لەرزان ئۇسۇلغا سالغان

ئەي، ئوغۇز رەڭ ئەپسۇن!

جان دەرىخىنىڭ ئوق يىلتىزىدا ئېقىپ يۈرگەن چوغلار ئېقىنى

ئەي، ئۆلۈمنىڭ خىلۋەت ئوردىسىدىن يامرىغان شاراب توپانى؛

ساقىيلارنىڭ بۇزرۇكۋار تاجىغا قادالغان ئەڭگۈشتەردىن

مەن كۆرمىگەن

تۆرەلمىگاھىمدىكى غەيرىي دۇنياغا غىل – پال كۆرۈنگەن

ئەي، كۆز تەگكەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز،

قېقىلغان يوقلۇقنىڭ بوغۇزلىرىدىن

پارتلاپ چىققان ئىستەك بومبىسى!

كۆزلىرىمگە كۆرۈنگەن

ئوغۇز رەڭ ئايدىڭ،

سەن –

تىلىسىملارنىڭ رەڭۋاز ئەينىكى !

باغرىمدىكى دۇتارنىڭ تارى

ئويناتماقتا بارماقلىرىمنى،

دولقۇنلۇق كۈيلەر قايمىسىدا قايماقتا شۇدەم

تاۋۇشلارنىڭ ئىشىكسىز ئۆيىدىكى بەزمىسىدە جىنلارنىڭ

دەرمەكلەردىن مەست بولغان جەسەتلىرىم،

لاتقىلاردا بىخسىمان نەپەس

ھاۋا چىملىقىدا قاتقان كۆپۈكلەرنى توزۇتماقتا ھەم؛

نۇرلارنىڭ توز قانىتىدەك يېيىلغان كۈلكىسىنى كۆردۈم

تىتىلغان ئۇپۇقنىڭ رەڭدارلىقىدا سەجدىگە چۆككەن

قۇلۇپلانغان شاماللارنىڭ ئاھىغا يۆگىشىۋالغان كېچىلەرنىڭ

گۈركىرىگەن ئوت ئەينىكىدە.

كۆزۈم بۇلاڭچىسى – ئاسماننىڭ تېپىكلىرىدە لەرزىگە كەلگەنچە،

چۆكتى ئاسمان

ئاتەش قاينىمىغا تونۇرۇمنىڭ؛

دۇنيا

تولغاندى قىلدەك

كۆيدۈرگىلەر داپخانامدا ياسىغان مەشرەپتە.

كۆردۇم

ئەسلىمىلەرنىڭ

قەبرىلەردىن پاناھ تىلەپ قاچقانلىقىنى؛

يالقۇنلۇق تاجىمنى تاشلىدىم بىر پەس،

قوۋۇرغىلار قورشاۋىدا يالىڭاچلاندىم

تۈتۈنلەردە لەيلەپ يۈرگەن ئۇچقۇنغا ئوخشاش؛

بارلىقىمنى سېلىپ تاشلىدىم،

قايتىپ كەلدىم ئوغۇز رەڭگىگە

ئايدىڭغا قوشۇلدۇم بىر تامچە سۈتتەك …

ئايسىز ئايدىڭسەن،

غايىپ بولغان تاغلار ئورنىدا

قىياسىمدا لەيلەپ يۈرگەن ئەي سۈزۈك مانان،

بەھەيۋەت ئۆركىشى ھۈجەيرىلەرنىڭ

قانداقمۇ پاتقاندۇ ئاراشلىرىڭغا ؟

بولمىغىنىمدا

سېنى تۈزگەن بىر تال يىپ ئەگەر،

يورغىلاپ تۇرغۇچى بارماقلىرىمدا

سىغدۇرۇۋالامتىم ئۇپۇقلىرىڭنى

شەرەتلىرىم قىرغاقلىرىغا؟

غايىپ بولغان تاغلار ئورنىدا

دۇتارنىڭ قارنىدەك پومپىيىپ تۇرساڭ،

تىۋىش بولۇپ ئۈنەرمەن بىر كۈن

تارلىرىڭدا مۆكۈشمەك ئويناپ

پىلدىرلاپ ئۇچقانچە ھەتتاكى –

كۈيلىرىڭنىڭ كەڭلىكتىكى قورشاۋلىرىدىن

بۆسۈپ چىققىنىچە چەتنەپ كەتكەن ئايدىڭدا.

تىترەڭگۈ كىرپىكتە توختىغان ياشتەك

ئەلەڭگىپ تۇرغىنىم ئېسىمدە پەقەت،

كۈن نۇرىدەك سوزۇلسىمۇ كۆزلىرىم

بېغىرلاپ قايتالماس ئەلەڭگۈچىڭنى؛

ئۇنىڭ تېرەن تۈگۈنچەكلىرىگە

دېڭىزلارنى بويلاتماقتىسەن،

ئۇنىڭ يۈكسەك بالداقلىرىغا

جاپاكەش قۇياشنى سەكرەتمەكتىسەن،

كىشنىمەكتە ئالەملەر

ئاياغلاشماس مۇساپەڭ ئارا …

ئايسىز ئايدىڭسەن،

بىر چېتى قارايقان پايانسىزخىيال

تىمىسقىلاپ كەلمەكتە بۇرجەكلىرىڭدىن،

ئوغۇز رەڭلىك بۇژغۇندەك؛

دەم يوقاپ كەتمەكتە ئەمچەكسىمان ئايدىڭدا،

دەم ئۈنمەكتە چاقماقلارنىڭ يالتىرىشىدا؛

قەدەھلەرنىڭ قىسلاچلىرىدا

ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىغان شاراب

چاقماقلارنىڭ يېرىقلىرىدىن

تاش يامغۇرى بولۇپ تۆكۈلەر،

ئالۋۇنلارنىڭ ئۆركەشلىرىدە

دولقۇندىن – دولقۇنغا سەكرەيدۇ شۇ دەم،

قاناتلىرى ئۈستىدىن

ئىرغىتىپ تاشلايدۇ تۆرەلمە پېتى

بىسى قايرىلغان قىلىچقا ئوخشاش

ئالۋۇنلار ئۆركىشى ئۈستىگە مېنى.

ئايدىڭنىڭ پايانسىز ئىقلىملىرىدا

ھىجران ئوردىسىدا سەرسان بىر شاھمەن،

شولىلار شاۋقۇنى سىڭگەن ناخشامنىڭ

ئاۋازىغا ئالدانغان ئۆزۇم؛

خانىشنىڭ نازاكەت بەزمىسى ئارا

ناخشىلار ئوقۇيدۇ ئېزىققان كۆزۈم:

ئوغۇز رەڭ ئەي دەرەخ،

ياپرىقىڭ يېشىل،

ئوغۇز رەڭ جۈپ يىلتىز ئاچىماقسىمان؛

ئاغزىڭدا ئىككىگە بۆلۈنگەن قۇياش،

يىغىلغان ئايدىڭسەن قۇيۇنغا ئوخشاش،

ئاتەشلىك ئورداڭدا قىزارغان چوغلار

ئوغۇز رەڭ نۇرلارنىڭ پاتقاقلىرىغا

چىلىنىپ ئۆگەنگەن چىملىقلار ئارا

جانلار يولۋىسىنى چىللايدۇ شۇئان!

ئەي، يالقۇن قاينىمى،

ئەي، گۈلگۈن باشاق،

ئەي، بىر يول يىڭنىگە مۇجەسسەم ئايدىڭ،

جاراھەت ئاغزىدىن تاشقان ئەي، چېچەك،

يىغىلار شەھىرىنى ئوۋلىغان كۈلكە،

كۈلكىلەر ھۆسنىگە قان تەپكەن ئارمان!

ئارمان تۈنلىرىنى ئالدىغان سەھەر،

سۈبھىدىن مەي تىلەپ ئالجىغان شامال؛

قەبرەمنى كۆردۇم مەن:

دېۋەيلەپ كېلەر

شاماللار ئايدىڭنى بېغىرلاپ شۇ دەم

يىقىلغان ئۆگزەمدىن يايغانچە قانات

جەسىتىم ئۈستىدە سىلكىگەندە پەر …

ئوغۇز رەڭ نۇرلارنىڭ پاتقىقى ئارا

ئايدىڭغا يامرايمەن،

ئانا ئايدىڭغا؛

ئايدىڭدىن – ئايدىڭغا سوزۈلغان دەملەر

شاراب كەل كۈتىمەن تەشنا باغرىڭغا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ