بۇلبۇل بلوگى

0

ئايالمۇ يامغۇر

248

تەبىئەت تۆكىدۇ مېنىڭ يېشىمنى،
لېۋىمنى چىشلەيمەن چىدامىڭ ئۈچۈن.
ئۆزۈمدىن، مېھرىڭدىن كېچەلەيمەن، بەس،
بىپەرۋا بولغىن سەن ۋە ياكى ئۆكۈن.

ئەينەكمۇ يىغلايدۇ گۈلگە قوشۇلۇپ،
تېرەكلەر تىكلىنىپ تۇرار بەھۇزۇر.
شاخلارنى سىلكىتىپ باقمىدىم تېخى،
پاتقاقلار چېچەكلەپ كۆيمەكتە مەغرۇر.

چوڭ يولدا كۈنلۈكسىز كېتىۋاتىمەن،
يىرتىلغان پايپىقىمدا چاقنايدۇ بىر نۇر.
چېچىمنى چۇۋۇشقا بارمىدى رايىم،
بىلمەيمەن، مەن ھازىر ئايالمۇ، يامغۇر.

باغرىمدەك سۈزۈك ھەم باغرىمدەك چوڭقۇر،
سىقىلىپ، سىلكىنىپ ھورلانماقتا يەر.
ئويلىسام، ساڭىلا دەپ باقماپتىمەن،
ياشىغۇم كەپ قالدى شەيتاندىن بەتەر!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ