بۇلبۇل بلوگى

0

ئاخىرقى ئۇتۇق بىزنىڭ

219

مەملىكىتىمىز ئازادلىقنى قولغا ئېلىشتا،
ساغلام، باتۇر ئوغۇلقىزىمىز راسا تىرىشتى.

باسقۇنچى، مىلىتارىست ياپون سامورايلىرى،
تەڭ كېلەلمەي قۇيرۇق تىكىپ تازا قېچىشتى.

خائىنساتقۇن ۋاڭ جىڭۋېيدەك دۇشمەن كۈچۈكى،
ئۇلۇغ ۋەتەن نومۇسىنى ساتماق بولۇشتى.

كىملەر كىرەر ئارقىسىغا ئۇ قارا يۈزنىڭ،
يالغۇز ئۆزى دۈشمەنگە تىزىنى پۈكتى.

جۇڭگودا ئۇنداق ساتقۇنغا ھەرگىز ئورۇن يوق،
جۇڭخۇا خەلقى بىرلىك سەپكە گاڭدەك ئويۇشتى.

قورقمايمىز بىز دۈشمەنلەرنىڭ ياۋۇز ئوقىدىن،
پولات مۇسكۇل جەڭچى باللا ئالغا بېسىشتى.

ئالدىنقى سەپ مەيدانىدىكى قەھرىمانلارنىڭ،
قىلىچ، مىلتىق قوللىرىدا جەڭگە كىرىشتى.

خوتۇن قىزلار قوللىرىدا ئەرلەرگە ئوزۇق،
يەتكۈزۈشۈپ ھەممە سەپتە مەدەت بېرىشتى.

”ئازادلىقدەپ جۇشقۇن قىزلار ئەرلەر بىلەن تەڭ،
دۈشمەنلەرنى كىز گۆرىگە تەڭ ئىتتىرىشتى.

تۆت يۈز ئەللىك مىليون ئەلنىڭ بىرلىك سېپى،
ئازاد ۋەتەن قۇرۇش ئۈچۈن قولمۇ قويۇشتى.

يۈزلەپمىڭلاپ جەڭگە چىقسا ياپون ئەسكىرى،
چاشقان تۆشۈكىسارايبولۇپ جاننى بېرىشتى.

ھارمايتالماي ياردەم قىلدى دوستىمىز سوۋېت،
بۇ ياردەمگە جۇڭگۈ خەلقى رەھمەت ئېيتىشتى.

كۈچىمىز ئاشتى تەجرىبە بىلەن ئۈچ يىل ئىچىدە،
ئارقا سەپنىڭ ياردىمىگە ئۇلار ئېرىشتى.

ھارام تۇرمۇش، قۇللۇقنى بىلمەيمىز بىزلەر،
شۇڭلاشقا ھەممە بىردەك جاننى تىكىشتى.

قانخور ياپون فاشىستلارنىڭ ئالۋاستىلىرى،
ئۈچ ھەپتىلىك مۆلچەرنىدالۋاي قىلىشتى.

ئۈچ يىلنى زەپەر بىلەن ئۆتكۈزدۇق بىزلەر،
ۋەھشىي دۈشمەن قۇتۇلغۇسىز ھالغا چۈشۈشتى.

بۇ ئۈچ يىللىق غەلىبىنى كۆرگەن خەلقلەر،
ئاخىرقى ئۇتۇق بىزنىڭكى، دەپ جەزمى قىلىشتى.

1939-يىل،ئاقسۇ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ