بۇلبۇل بلوگى

0

ئاتىلار ئەجرى

202

ئاتىلار گويا تاغلارغا مىسال،
ئانىلار يېشىل باغلارغا مىسال.
دەريا بولمىسا تاغلاردىن كەلگەن،
باھاردا باغلار تاپمايدۇ ۋىسال.
ئاتىلار بىلەن ئەلدە ئاسايىش،
يىللار،پەسىللەر ئۆتىدۇ تىنچ.
ۋەتەنگە خىرىس قىلسا دۈشمەنلەر،
ئاۋال ئاتىلار قولىدا قىلىچ.
ئاتىلار ئەجرى ھاياتقا تۈۋرۈك،
ئاتىلار ئەجرى دەرياغا كۆۋرۈك.
كارۋانلار، كانلار، خامانلار، خاڭلار
ئاتىلار ئەجرى ئالمايۇ ئۆرۈك.
ئاتا كۆكسىدە مېداللار قوش-قوش،
مېداللار بەردى بىزگە ئەقىل-ھوش.
ئاتىلار ئەجرى ئۇنتۇلسا، دوستلار،
بۇ تۇپراق ئوقۇيدۇ ئەپسۇس.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ