بۇلبۇل بلوگى

0

ئاتامغا مەرسىيە

315

سۆڭىكىڭنىڭ كاۋاكلىرىدا
ئۇۋا ياساپ مۈگىدەيدۇ چاشقان،
كېپىنىڭنىڭ تۆشۈكلىرىدە
ئۆتۈشمەك ئوينايدۇ چۈشلىرى…
ئالجىغان شامال
ئۈمىدلىرىڭ كۈيىگە مىنىپ،
ئۆلمىگۈر چاشقاننىڭ چۈشىنى سۆرەپ،
كۈلكە ياساپ رىۋايەتتىكى-
قىلىچلارنىڭ سۇنۇقلىرىدىن،
يۈگرىگەنچە ئاۋارە شۇئان.
ئەرۋاھىڭنى قوغلاپ يىتەلمەي-
قەبرەڭنىغۇ كۆتۈردى تۇپراق،
كۆتۈرەلمەس ئەمما ئەبەدى
مەسىت ئوغلۇڭنىڭ كۈلۈشلىرىنى…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ