بۇلبۇل بلوگى

0

ئاسمان ئادەملەر

204

− خۇشچاخچاق ئىلى خەلقىگە بېغىشلايمەن

ئىشىكلىرى كۆك
دېرىزىسى كۆك
ئايۋانلىرى كۆك
ھوجرىلىرى كۆك
مېھمانخانىلىرى كۆك
تورۇس-ئۆگزىلىرى كۆك ئۆيلەر
مەن بۇ ئۆيلەرنى كۆك دېڭىز دەيمۇ ياكى كۆك ئاسمان؟
ئۇندا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلى سۈزۈك ئەينەكتۇر
كۆك نۇرلار قات-قېتىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان

ئىلىلىقنىڭ ئۆيلىرى كۆپكۆك
ئىلىلىقمۇ گويا كۆك ئاسمان
ئەي، چەكسىز ئاسمان ئادەملەر
سىلەر بىر زامان يۈرەك-باغرىڭلارنى ئەسەبىيلارچە يىرتىپ ھۇررا توۋلىغان−نېمە دېگەن بۈيۈكسىلەر
بىزنىڭ كېچىمىز بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ چېدىرىدىن تىكلەنگەن
بىزنىڭ يۇلتۇزىمىز بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ جاراھىتىدىن پۈتكەن
بىزنىڭ ئوغۇزخانىمىز دەرەخ كاۋىكىدا مانا شۇ كۆپكۆك ئىلاھىي نۇردىن تۆرەلگەن
بىزنىڭ كۆك تەڭرىمىز−ئاسمان
بىزنىڭ سۇ تەڭرىمىز−كىشى
ھەممىسى «كۆك»كە باغلانغان
بىز سۇ مىللىتى، كۆپكۆك دېڭىز ئاستىدا نەچچە ئەسىرلەپ ياشىغان
بىز كۆك مىللىتى، كۆكتىن تامغان
كۆككە ئەڭ يېقىن مۇقەددەس تاغ−تەڭرىتېغىنى شۇڭا بىز ماكان تۇتقان
ئەي دېڭىزدىن كۆك سۇ مىللىتى
ئەي ئاسماندىن بۈيۈك كۆك مىللىتى
ئەي ئىلاھىي كۆك نۇردىن كۆك ئوت مىللىتى
سىلەرنىڭ ۋۇجۇدۇڭلار لايدىن ئەمەس
شەيتان كەبى ئوت بىلەن نۇردىن يارالغان

ئەي ئاسمان ئادەملەر
سىلەر دېڭىزدىنمۇ بىپايان، زامان(ۋاقىت)نىڭ ئىشىكىدىن پاتمايسىلەر
سىلەرنىڭ ۋەزنىڭلار ئاۋرال ياكى ئالتاي تېغىدىنمۇ ئېغىر
سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئاقلىق
تەلكە تاغلىرىغا ياققان تۇنجى قارنىڭ تەشۋىشى

بالا چېغىم
مەن ئاسمان ئادەملەرنى كۆرەتتىم:
بىر پۇتى ئاسماندا
بىر پۇتى يەردە
بۇلۇتتەك سۈپۈرگىسىنى يەلكىسىگە سېلىپ مەزمۇت تۇرغان
جاھاننىڭ تۈۋرىكى ئىدى ئۇلار
مېنىڭ سەبىي بالىلىق تۇيغۇمدا

ئەي ئاسمان ئادەملەر
بۈگۈنكى تارىخنىڭ «ئەخمەتجان كوچىسى»دا سىلەرنى كۆردۈم
غەملەرنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئاچچىق كۈلىۋاتقان
سىلەر چارچىدىڭلارمۇ؟
ئەرزىمەس يەلكەمنى سىلەرگە ئورۇندۇق قىلاي
سىلەرنىڭ پۇتۇڭلار تېخىمۇ يۈكسەكلىك كۇرسىسىغا تاشلىنىش ئالدىدا تۇرامدۇ؟
بېشىمغا دەسسەڭلار، سىلەرنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىڭلار ئۈچۈن پەشتاق بولاي!

ئەي ئاسمان ئادەم يۈكسەكلىكىدىن ئۆرنەك ئالغان مېھرىبان قۇياش ئانا
سەن نېمە سەۋەبتىن تۇغمايسەن؟
بىر ئەمەس، نەچچىلەپ قۇياشنىڭمۇ ئاسمان ئادەملەرگە ئازلىق قىلىدىغىنىنى ئەستىن چىقاردىڭمۇ؟

ئەي ئاسمان ئادەملەر
سىلەر چاخچاق تېشىدا ئازابىڭلارنى بىلەپ تۇرىسىلەر
شاتلىق چوققىسى ۋە ئازاب دېڭىزىدىن ھالقىپ ئۆتىسىلەر
ھەمدە كەلگۈسىنىڭ ئاسمىنىدا كۆپكۆك پارلايسىلەر

ئانا يۇرت ئىشقى
ئاسمان ئادەملەرنىڭ يۇيۇنىشى ئۈچۈن ئوت ئارشاڭ
كېلىڭلار، ئاسمان ئادەملەر
ئوت ئارشاڭغا ئۆزۈڭلارنى تاشلاپ يېتىڭلار
كېچىنىڭ ئىللىق سۈيىگە چىلىنىپ تۇرغان بۇ يۈرىكىم كەبى

ئەي ئاسمان ئادەملەر
دۇنيانىڭ يۈكىنى كۆتەرگەن كۆتىرىشلىك ئادەملەر
قازانچى مەھەللىسىدىكى ھەرەمباغدەك كۆپكۆك
دېڭىزدەك چوڭقۇر ئادەملەر
كۆپكۆك ئىلاھىي نۇر ئادەملەر
ئەي، تاغمۇ-تاغ يۈرۈپ ئىلى دەرياسىدىن ئەر سۇ ئىچكەن كۆپكۆك خەلقىم
تارىمنىڭ تۇزىدەك قاتقان كۆپكۆك مۇز يۈرىكىم سىلەر ئارقىلىق ئېرىمەكتە…

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىلى كۇنسۇل مېھمانخانىسى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ