بۇلبۇل بلوگى

0

ئاسىي يول

203

بۇ يوللار ئاسىيلىق قىلغاچقا يەنە،
قايتىدىن ماڭدىم – دە باستى ۋەھىمە.
يۈرەك سۇ ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆزگەرسە،
ئادىشىپ كېتىدۇ يوللاردا ھەممە.
 
مەن تېخى ھاياتنى سۆيۈپ باقمىدىم،
ئۇ مېنى نەچچە رەت باخاشمۇ ئەتتى.
كۈنلىرىم يوقاتتى تەبەسسۇمىنى،
قايغۇنىڭ زەھىرى سۆڭەككە يەتتى.
 
سۆيگۈدەك يوقالدى تۈنۈگۈنكى يول،
بۈگۈنمۇ ۋىسالدىن ھېچ بىر ئۈمىد يوق.
ئەڭ كونا يوللارنى ساتتى يېڭى يول،
قەلبىم تەكلىماكاندەك ياتار قۇپ – قۇرۇق.
 
2003 – يىل 9 – ئاي
ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ