بۇلبۇل بلوگى

0

ئاشۇ ئادەم

440

بىر نەچچە دۇختۇر -سىستىرانى ئۇخلاتمىغان
كارىۋاتنى ياز پەسلىگە ئايلاندۇرغان
پۇتىنى بېسىۋېلىپ سۇندۇرىۋەتكەن ھاڭگا تېرەكلەرنى
خىيال ئىچىدە ئۇنتۇلىۋاتقان
«خوش» دېسەم قايرىلىدىغان كەينىنى تاپالمىغان
دۇختۇرخانا كارىدورىدا غايىپ بولغان
ئۇ ئادەم مېنىڭ دادام.

مەن كېتىۋېتىپ پىچىرلىدىم:
دادا
مەن سەندىن ئېشىپ كېتەلمىدىم
سەن ھامان ئالدىمدا سەن
مەن سەنچىلىك بولالمىدىم
سەن ياشاپ باقتىڭ بەش خوتۇن بىلەن
سېنىڭ جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمايدۇ
ئەكسىچە
جېنىڭ سېنى ئاياپ تېنىڭدىن ئايرىلمايدۇ
سېنى ئەمدى «بولدى قىل» دېيەلمەيمەن
سەن داۋاملىق خام خىيالدەك ياشايسەن
باشقىلار ساڭا قارىسا
ئېنىقكى ئورۇق بىر توغراقنى كۆرىدۇ
ئاندىن سايەڭدە سايىداشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ،
مەن ساڭا قارىسام
سەن بىر تۇرمۇش
ئۆيدە، ھويلىدا، ئىشخانىدا، ئېتىزلىقلاردا
ئاخىرىدا داستىرخاندا
پەيدا بولىدىغان، تۈگەپ كېتىدىغان
ئىشقىلىپ بىرنى ئىككى قىلىشنى ئويلىغان – ئويلىمىغىنىڭ ماڭا نامەلۇم…
ماڭا بىردىن – بىر ئېنىق بولغىنى
ساڭا دەيدىغان بىرمۇ گىپىمنىڭ يوقلۇقى.

بۈگۈن تەكرار پەيشەنبە بولغاچ
مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،
سېنىڭ ئۆيۈڭ بىر تال تاشتەك
ئىككى يولنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا
قايسى يولغا كىرىشنى بىلەلمىگەن يولۇچىدەك تۇرغاندۇر بەلكىم.

سەندە كېسەل يوق
پات – پات زېرىكىپ قېلىشتىن باشقا
پات – پات ھاياجانلىنىشتىن باشقا
پات – پات سېغىنىشتىن باشقا.

2016- يىلى 18- فېۋرال

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ