بۇلبۇل بلوگى

0

ئاسېنا

272

گۆشۈمنىڭ بىر پارچىسى،
ئۈزۈپ ئېلىنغان .
سۆڭىكىمنىڭ بىر پارچىسى،
سۇندۇرىۋېلىنغان .
جېنىمنىڭ بىر پارچىسى،
كۆچۈرىۋېلىنغان .
ئىدىيەمنىڭ بىر پارچىسى،
مۇستەقىل بولغان .ئورۇق قوللىرىدا
ۋاقىتنىڭ سىزىقلىرى يوغىنايدۇ.
قاپقارا كۆزلىرىدە
تاش پۈتۈكلەرنىڭ مەنالىرى لەيلەيدۇ.
ئىنچىكە بوينىدا
بىر تال زۇلـمەت قىلى چىگىلىدۇ .
قارامتۇل تېرىسىدە
مىۋىلەرنىڭ خەرىتىسى سىزىلىدۇ.

ئۇ ـــ
مەڭزىمگە چۈشكەن بىر تامچە يامغۇر، سۈزۈكلىكىدىن
كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدىغان كەلگۈسىم كەبى.
ئۇ ـــ
يىشىلىشى بىھاجەت تۈگۈن،
ئاسماندىن ئېقىپ چۈشكەن قېنىمنىڭ فورمۇلاسىدەك،
تارىختىن سىرغىپ چىققان بىشارەت .
ئۇ ـــ
قەبرەمدىكى  تاشنى سۆيگۈچى
جەسىدىمنى بېسىپ تۇرغان،
مېنى ئاڭا ئامانەت قويۇپ .
ئۇ ــ
بەختسىز بىر ئەپسۇن،
مېنى ياراتقۇچىغا ئايلاندۇرغان
ھەم يارالـمىشىمنى داۋاملاشتۇرغان .

ئۇ، مېنىڭ قىزىم .

2015 – يىل 20 ـ ئاپرىل

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ