بۇلبۇل بلوگى

0

ئاسارەتتە تۇرۇپ قالغانلارغا خىتاب

335

كۆزۈڭ ئاچ، دەۋرى غەپلەت ئۆتتى،كۈرەش ئەمدى جاناننىڭ،
دېمەك كۈرەش بىلەن كەلدى، يۈرەككە دەردكە دەرماننىڭ.

ئۇزۇن يىللار قارا زۇلمەتتۇمان ئاستىدا زارلاندىڭ،
ئېنىقكىم كۇيىقاپقا كەتكۈسىدۇر ئەمدى شەيتاننىڭ.

ئېسىڭدە بارمۇدىنشۇ دەپ ئۈچ مەسلەككە باش ئېگىپ،
شۇڭا بېغىشلانغان شېئىرىڭماقالەڭ ھەمدە يازغاننىڭ.

ئەگەريېڭىلىپۋەتەن، مىللىتىڭ ھەققىدە گەپ قىلساڭ،
گۇمان يوق يەتتە يىل زىنداندا ياتماق بولدى جەرياننىڭ.

زىيالىي دەپ تونۇلغان مەيلى ياشلار، مەيلى دېھقانلار،
خىيانەتكار دېگەن نامدا بۇزۇلدى لالەرەيھاننىڭ.

ناماز ئورنىغا ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتتىن قەسەم ئىچتىڭ،
ئېسىڭدىن كەتمىگەندۇر، شۇم ياغاچ ئالدىدا تۇرغاننىڭ،

قاراپ باق! ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن پەقەت تىنماي مىدىرلايسەن،
يەنە ئاخىر قۇرۇق قالغان قولۇڭيانچۇق ھەمدە پۇلدانىڭ.

تەشەككۈر ئېيتىسەن مىڭ بارە ئوغۇل بالا يۈزىن كۆرسەڭ،
بىلىپ قوي! ئاڭا ئالۋانچى تۇغۇلغان قىز ۋە ئوغلاننىڭ.

ساڭا مەھكۇمىيەتنى ھەق ئەزەلدىن تەقدىم ئەتكەنمۇ؟!
ئاڭا تەقدىم ئىتىلگەنمۇ چىرايلىق ھۈرغىلمانىڭ؟!

تولۇق تەسۋىر قىلىشتا ئول لەئىنلەر زۇلۇمىنى بىربىر،
يېزىپ پۈتمەس ئەگەر ھەر قانچە بولسا ئىلمۇئېرپاننىڭ.

ئەزەلدىن ئاقىۋەت بۇ ھارام تۇرمۇش ساڭا خاسمۇ؟!
سائادەتمۇ جەھەننەم ئىتلىرىغا بەرگەن تۈرلۈك ئالۋاننىڭ.

بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋالئويغىنىڭلار!…“ دەپ سادا بولغان،
نىدىن ھازىرغىچە غەپلەتتە بولدۇڭ، يوقمۇ زەررە ۋىجداننىڭ؟!

دىلىڭدا قورقۇنىشتىن باشقىمۇ خىسلەتلىرىڭ بارغۇ؟!
تۇرۇپ بىر تەۋرىنىپ باققىن، قالمىسۇن كۆڭۈلدە ئارماننىڭ!…

پۈتۈن ئەلھۆرىيەت! “ دېسە تېخى غەپلەتتە ئۇخلامسەن؟!
ئۆلۈمدىن قورقما ھەرگىز مۇكەممەل بولسا ئىمانىڭ!

تېخىچە: ”ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈشدەپ ياتقىنىڭ ئۇيات،
قايان كەتتى ئۇزۇن يىللاردا يىغقان ھەمدە تاپقاننىڭ؟!

كۆتۈر بېشىڭنى غەپلەتتىن، نەزىر سال ھەممە ئەتراپقا!
كۆڭۈلدە تىلىگەننى قىلغىن ئەمدى كەلدى دەۋرانىڭ.

ۋەتەندىن ساڭا بۇيرۇق نىمشېھىتنىڭ قەلىمى بىرلە،
قوبۇل تۇتساڭ ساڭا رەھمەت قىلۇر ھەر دەمدە ئىمانىڭ!

1945-يىل دېكابىر، غۇلجا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ