بۇلبۇل بلوگى

0

ئاقىۋەت(غەزەل)

166

يار تەكەببۇر ئەيلىسەڭ تەنھا قالۇرسەن ئاقىۋەت،
كىمگە بارساڭ قان-يىرىڭ يىغلاپ قالۇرسەن ئاقىۋەت.
ئۆز-ئۆزۈڭنى داڭلىساڭ گۈل نەسلى دەپ جەننەتتىكى،
باغلىرىڭغا گۈل تېرىپ،قوراي ئالۇرسەن ئاقىۋەت.
سەن كۆزۈڭگە ئىلمىغانلار زەر-كۈمۈشكە ئايلىنىپ،
مىڭ پۇشايمان ئىلكىدە ھەسرەت قىلۇرسەن ئاقىۋەت.
ئايچە بولساڭمۇ،نىگار،كىرمە كېبىرنىڭ كەينىگە،
گۈل كەبى توزۇپ تامام ۋەيران بولۇرسەن ئاقىۋەت.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ