بۇلبۇل بلوگى

0

ئاق نان

170

ئاق نان ئۇئۇغ، ئاق نان مۇقەددەس،
تىرىكلىكنىڭ ئاق نان تۈۋرۈكى.
بۇغدىيىغا شۇڭا دېھقاننىڭ
قايدا ياتسۇن باغۋەن ئۆرۈكى؟

گادايلىق يوق ئاق نان بار يەردە،
ئەمىنلىك بار ئاق نان بار يەردە.
لېكىن، دۇستۇم، بولىدۇ تەييار
بىر چىمدىم ئۇن ئالەمچە تەردە.

ئېتىزلارنى ئەزىزلەڭ، دوستۇم،
داننى سۆيۈڭ، ئاق ناننى سۆيۈڭ.
ئاق نان پىشقان تونۇرنى ئۇلۇغ،
ئانىلارنى، دېھقاننى سۆيۈڭ!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ