بۇلبۇل بلوگى

0

ئاق ئەمەس ساچىمدىكى

179

ئاق ئەمەس ساچىمدىكى، يىللار توزانى دەپ بىلىڭ،

سارغىيىپ كەتكەن يۈزۈمنى كۈز خازانى دەپ بىلىڭ.

قانچە نۇرغۇن، قانچە چوڭقۇر بولسا ماڭلاي قورۇقۇم،

دەردۇ كۈلپەت دەۋرىنىڭ روشەن بايانى دەپ بىلىڭ.

خۇددى يۇلتۇزدەك پىلىلداپ، ياشلىنىپ يانسا كۆزۈم،

دىلدا ئارمان تاشقىنىنىڭ نام-نىشانى دەپ بىلىڭ.

ئاھ دېسەم، بوران مىسالى گۈركىرەپ چىقسا ئۈنۈم،

مۇپتىلالىق دەردىدىن تاشقان پىغانى دەپ بىلىڭ.

تاكى جىسمىمغا يېپىشتى سۆيگۈ يالقۇنى پۈتۈن،

ئەمدى بۇ جىسمىمنى بىر ئاتەش ماكانى دەپ بىلىڭ.

ھىجرى بولدى باشلىنىش، كىممۇ يازاركىن خاتىمەن،

بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمنى غەم-قايغۇ داستانى دەپ بىلىڭ.

قانچە پەرھاد كۈنلىرىنى كۆرسە مىسكىن ئەل ئۈچۈن،

بۇ ئاڭا دەۋران ئىشىنىڭ ئىمتىھانى دەپ بىلىڭ.

1972-يىل 3-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ