بۇلبۇل بلوگى

0

ئانامنىڭ دۇئاسى مېنى ئاسرايدۇ

172

ئەسەدۇللا جورەيېۋ(ئۆزبېكىستان)

بىر كۈنى گۈزەللەر قارغايدۇ مېنى،
بۇزۇلغان مۇھەببەت ئۈچۈن قارغايدۇ.
مەن مۆكۈپ يۈرمەيمەن، خۇدۈك ئالمايمەن،
ئانامنىڭ دۇئاسى مېنى ئاسرايدۇ.

بىر كۈنى دوستلىرىم قارغايدۇ مېنى،
سېتىلغان ساداقەت ئۈچۈن قارغايدۇ.
سۇلەيمان غارىدىن تاپماسمەن پاناھ،
ئانامنىڭ دۇئاسى مېنى ئاسرايدۇ.

بىر كۈنى ناخشىلار قارغايدۇ مېنى،
يالغان ناخشىلىرىم مېنى قارغايدۇ.
مەن بەرىبىر قورقماي كۈيلەۋېرىمەن،
ئانامنىڭ دۇئاسى مېنى ئاسرايدۇ.

يېتەر، مەن نە جەمشىد، نە ھاتەم تەي مەن؟
نە ئارزۇسى پايمال بولغان ھۇماي مەن؟
ساپلىق ھەم مەسۇملۇق ھەققى – ھۆرمىتى،
بىر كۈنى ئۆزۈمنى ئۆزۈم قارغايمەن.

بىر كۈنى ئۆزۈمنى ئۆزۈم قارغىسام،
ئانامنىڭ دۇئاسى مېنى ئاسرايدۇ.

1999 – يىل، تاشكەنت.

مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ