بۇلبۇل بلوگى

0

سالغا تېشى

336

1
ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،
ﻛﯚﻧﯜﻙ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﻪﻳﻠﯩﻤﻪﺱ ،
ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﺘﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻗﺎﻱ، ﺳﺎھﯩﻠﺪﺍ ،
ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ، ﻏﯧﺮﯨﭻ ﭼﻪﺗﻨﯩﻤﻪﺱ .
ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ،
ﭼﺎﯓ – ﺗﻮﺯﺍﻧﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ،
ھەيھات، ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﭼﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ،
ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﻪﺭ، ﺋﯘ ﺗﯩﺮﯨﻚ ھﻪﺭﺩﻩﻡ .
ﺩﯦﻨﻮﺯﺍﯞﺭﻻﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻗﺎﻳﺎﻗﺘﺎ،
ﻏﺎﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﯘﺧﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﭘﻮﻟﺘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ .
ﺑﯩﻨﻪﭘﺸﻪ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳﺮﺍﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ،
ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﻏﻤﯩﺨﺎﻥ .
ﻧﯩﻞ ﯞﻩ ﺩﻭﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﻙ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﯩﻐﺎ ،
ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﺭﻏﯘﻟﻰ .
ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥﺭﯨﺰﻗﻰ،
ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﻳﻮﻟﻰ .
ﻣﯩﻼﺩﻯ ﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ،
ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ .
ﺋﯘ ﮔﯩﻴﺎھﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﻣﯧﺘﯩﺴﻰ،
ﭼﯚﻟﻠﻪر ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ .
ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﺱ ﯞﺍﻗﯩﺖ ،
ﺩﻩﺷﺖ ھﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﺳﯩﺰ .
ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﻏﯘﻳﺪﯗ ﻗﯧﻨﯩﺪﺍ ،
ﻳﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ﺗﺎﺵ ﺋﯘﺭﯗﻗﻤﯘ ﺭﻭھﺴﯩﺰ .
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺳﺎﻟﻐﺎ ﺗﯧﺸﯩﻐﺎ ،
ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﭼﯚﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ .
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺶ، ﺋﯘﺩﯗﻡ ،
ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺴﯩﻤﺎﻥ .
ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ _ ﺗﻮﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ؟
ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ﻛﯜﭼﻰ _ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻤﯘ ؟
ھاياتىي ﻛﯜﭼﻰ _ ﺷﻮﺭﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ؟
ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ _ ﺋﻮﻏﻼﻥ – ﻗﯩﺰﯨﺪﯨﻤﯘ ؟
ﺑﻪﺩﻩﻝ ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ، ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﺵ ،
ھالسىراش ، ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ، ﻛﯜﭼﻪﺵ ،
ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ، ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﺵ ، ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ،
ﻛﯚﻳﯜﺵ ، ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎﺵ ، ﺗﯩﺮﻩﺟﻪﺵ .

2
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﭼﯩﮕﯩﻠﮕﻪﻥ ﻻﺗﺎ ،
ﺋﺎﺭﺯﯗ – ﺋﯜﻣﯩﺪﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﭽﯩﺴﯩﺪﻩﻙ .
ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻯ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﯕﮕﻪﻥ ،
ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﺴﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺟﺎﻛﺎﺭﭼﯩﺴﯩﺪﻩﻙ .
ﻗﺎﻳﺘﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﯘﻍ – ﺷﺎﺩﯨﻐﺎ ،
ﺭﻭھ يۇيۇلۇپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ .
ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺭ ﻧﻪﭘﻪﺱ ،
ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺗﺘﺎ .
ﻛﯧﭽﻪ ، ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ،
ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﺩﺍ .
ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ،
ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪ ﺧﯘﺩﺍ !
ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﺸﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﻗﺸﺎﻝ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻙ ،
ﻣﯩﯔ ﮔﻪﺯ ﻛﯚﻣﯜﻟﺴﯩﻤﯘ ﮔﯚھﻪﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺱ .
ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻛﻠﻪﻳﺪﯗ ﺗﻮﭘﺘﻪﻙ ،
(ﺑﻪﻟﻜﻰﺷﯘ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ ، ﻗﯩﺴﺎﺱ!)
ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮﻗﯘﻻﺭ ﺩﻩھﺸﻪﺕ،
ھۇۋلاشنىڭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﺎﭼﺮﺍﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ .
ﺑﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ،
ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﻪﻛﻤﯘﻳﻪﻙ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ .
ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯩﺴﯩﻤﯘ ؟
ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﯩﻤﯘ ؟
ﺑﯘ ﺗﯚﺭﯨﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻤﯘ ؟
ﺑﯘ ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ؟
ﺑﯘ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻤﯘ ؟
ھەممە ﻛﯚﻣﯜﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ،
ھەممە ﺳﯩﯖﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ .
ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ،
ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ .
ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﺭ ، ﺟﯩﻤﯩﻴﺪﯗ ھﻪﻣﻤﻪ ،
ﺋﺎﻗﺎﺭ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻻﻳﻼﻧﻤﺎﻱ ﭘﺎﻛﯩﺰ .
ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﯓ ،
ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﻫھﻪﺭﮔﯩﺰ .
ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﭘﻘﻪﺕ ،
ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﺰ ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﻘﺎ ﻳﺎﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﯧﻜﻪﺭ .
ﻛﻪﻡ – ﻛﯜﺗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﻰ ،
ﺟﯘﻻﻻﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﻗﯘﺗﺘﻪﻙ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ .
ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺕ ،
ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ .
ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،
ﻳﯧﯖﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﺗﯘﺭﯗﭺ .
ﺗﯩﯖﺸﺎ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻗﯘﻻﻕ ﻳﯧﻘﯩﭗ ،
ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﺍﭖ ﺋﺎﺭﺍ ﺭﯨﺘﯩﻢ .
ھالسىز ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ ﻳﻮﺭﻏﯩﺴﻰ ،
ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ .
ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺗﺎﺵ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ،
ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ ﻣﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﺍ .
ﻛﯚﭼﻪﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ،
نۇھقا ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ ﺑﺎﺭﺍ – ﺑﺎﺭﺍ .
ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﺋﯘ
ﻣﯩﯔ ﭘﺎﺗﻤﺎﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ،
ﺳﺎﭘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ،
ﻳﺎﻻﯓ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ .
ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﻰ،
ﺑﯘﺭﯗﺟﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ .
ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ،
ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ .
ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ ﻛﯘﻣﯘﺗﺎ ، ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪﻫھﻪﺗﺘﺎ،
ﺷﯘ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ .
ﺗﻮﻣﯘﺯﻏﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﭘﯩﺴﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ،
ﺷﯘ ھﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ .
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜﺕ ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺗﺎﻣﭽﻪ
ﺋﯚﺳﯜﭖ – ﺋﯚﺳﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﺩﻩﭘﺘﻪ
ﺑﯩﺒﺎھﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ .

3
ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﯞﯗﺩﻯ ﻛﯜﻥ – ﺗﯜﻥ ،
ﻳﯧﭙﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﻗﻮﻱ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ .
ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻧﻰ ﻣﯩﻨﻪﺭ ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ،
ھايقىرتىپ ﺗﻮﯞﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ – ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ .
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ،
ﻳﺎ ﻗﺎﻥ – ﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ،
ﻳﺎ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ،
ﻳﺎ ھﺎﺗﻪﻣﻠﻪﺭ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ .
ﺳﯘ _ ﻳﻮﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ،
ﺩﻩﺷﺖ _ ﺋﯘﺳﺴﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭘﺎﻕ .
ﺑﻮﺭﺍﻥ _ ﺋﯚﺭﯛﭖ – ﭼﯚﺭﯛﮔﯜﭼﻰ ،
ﯞﺍﻗﯩﺖ _ ﭘﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻣﻐﺎﻕ .
ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺋﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ،
ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺧﯘﺷﺒﯘﻳﻠﯘﻕ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﺋﯧﺮﯨﭗ .
ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ ﺧﯩﻴﺎﺑﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ،
ﻛﯚﻙ ﻗﯩﻴﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ .
ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ، ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ،
ﺗﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ، ﮔﯜﻣﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺳﯚﺭﯨﮕﻪﻥ، ﺳﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ،
ﺗﯩﺮﻣﺎﺷﻘﺎﻥ، ﻗﯩﺮ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ، ﻧﺎﻥ ﻳﯧﮕﻪﻥ .
ﻗﺎﺭﺍﻗﯘﺭﯗﻣﺪﯨﻦ – ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻘﯩﭽﻪ ،
ﺧﺎﻥ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﺎ
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﻪﺑﯘﺩ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﯩﺮﺍﻍ ،
ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﻩﺭ ، ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ .
ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﯩﺮﺍﻕ – ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ،
ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ ،
ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﺎ ،
ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥﻫھﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ .
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ،
ﺗﺎﻣﺸﯩﭗ – ﺗﺎﻣﺸﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ ،
ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﺗﯩﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥﻣﯧﯖﻪ
ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﯞﯨﻠﯩﻘﻼﭖ ﻛﯜﻟﻪﺗﺘﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ .
ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ،
ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﺕ – ﻗﻮﯞﻡ .
ﭘﻪﻱ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﻗﻮﻧﺎﺗﺘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ،
ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ھﯧﭻ ﻣﻪﯞھﯘﻡ .
« ﻗﯘﺕ »ﻧﻰﻗﻮﺷﺎﺭ « ﺑﯩﻠﯩﻚ »ﻛﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ،
ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻙ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ .
ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﻘﺎﺵ ﭘﺎﻳﺎﻧﺪﺍﺯ ،
ﭼﺎﭼﻘﯘﻻﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﯟﯦﺸﯩﺪﯨﻦ .
ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﻪﺟﺠﯩﻢ _ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﺎﻧﺎﺭ ،
ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯩﻤﯩﻴﺎﮔﻪﺭ .
ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘھﻪﻧﺪﯨﺲ ،
ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻮﻣﯩﻴﺎﮔﻪﺭ .
ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻡ ،
ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ھﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯩﺰﺍھﺎﺕ .
ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ،
ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﻏﯩﻴﺪﯗ ھﺎﻳﺎﺕ .
ﻳﺎﯞﺍﻳﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻤﯘ ؟
ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ .
ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺭ ھﻪﻡ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ،
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯜﺟﯩﻤﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺮﺳﯩﻤﺎﻥ .
ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﻳﻪﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮ ،
ﺑﯘ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺵ – ﺋﯚﻟﯜﺵ ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ .
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﺋﯚﭼﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﺎﺗﻪﺵ ،
ھالىدىن ﻛﯧﺘﻪﺭ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ .
ﻳﺎ ﺟﺎﯞﺍھﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ؟
ﻳﺎ ﻛﯩﺒﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ؟
ﻳﺎ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ؟
ﻳﺎ ﺳﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ؟
ﻳﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻛﯚﻛﯩﺮﯨﭗ ،
ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ ﺑﺎﺵ .
ﺋﻮﭼﯘﻗﻠﯘﻕ _ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ،
ﺋﯧﺰﮔﯜ ﻧﯩﻴﻪﺕ _ ﻳﻮﻝ ، ﻗﺎﻳﺎﺵ .
ﺗﯩﻠﺴﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﻟﻪﻳﻠﻪﻛﻠﻪﺭ ،
ﻧﯧﻤﯩﮕﯩﺪﯗﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ،
ﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯧﺪﯨﺮﻏﺎ ﺳﯩﯖﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ،
ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ .
ﺧﯩﺰﯨﺮ ﻳﯜﺭﻩﺭﻣﯩﺶ ﭼﻪﺕ – ﻳﺎﻗﯩﺪﺍ ،
ﻛﯚﻣﻪﺭﻣﯩﺶ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺯﯦﻤﯩﻦ .
ﺗﯜﻟﻜﻪ ﺗﯚﺷﯜﻛﻰ ﺑﻮﭘﻜﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ،
ﺳﻪھﻪﺭ – ﺗﺎﯕﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻼﺭﻣﯩﺶ ﺋﺎﻣﯩﻦ .
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ،
ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻳﯩﻼﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ .
ﮔﯜﻟﺪﯛﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭ ،
ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ،
ﻟﻪﺭﺯﯨﺪﻩ ﺯﯦﻤﯩﻦ – ﺯﺍﻣﺎﻧﻪ ،
ﻣﺎﻛﺎﻥ – ﻣﺎﻛﺎﻧﻪ ،
ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﻪ ،
ﺗﺎﯓ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺳﻪﻫﻪﺭﻟﻪﭖ ،
ﺋﯘﺯﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ھﻪﻣﻤﻪ – ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ .
ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻳﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﯘﻳﯘﻥ ،
ﯞﺍﻗﯩﺖ – ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﻠﯩﭗ .
ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞھﯘﻡ ﺗﺎﺭﺩﻩﻙ ،
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ
ﺗﻪﯕﺸﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ .

4
ﺗﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﻗﯘﻡ ،
( ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ.)
ﻛﯧﺘﯩﻚ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ، ﺳﯧﭙﯩﻞ ، ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﻪﺭ ،
ﺭﻩﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭ ، ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ ، ﺑﺎﻏﯟﺍﺭﺍﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ،
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﺎ ،
ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﻪﺭ ، ﻣﯘﻧﺎﺭﻻﺭ ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻟﻪﺭ .
ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ ،
( ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻼﺭ ﺑﻪﺯﻩﻥ – ﺑﻪﺯﻩﻧﻠﻪﺭ )
ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺟﻪﻝ ،
ﭼﯚﻛﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ھﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ .
ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭼﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،
ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﻪﻝ – ﻛﻪﻝ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ .
ﻧﯧﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮔﯜﺭﯛﻟﺪﻩﻳﺪﯗ ﻗﯘﻡ ،
ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻳﻪﺗﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎﺕ .
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ،
ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﺎﺭ ﭘﺎﺕ – ﭘﺎﺕ .
ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯩﻨﮕﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ،
ﺯﻩﺩﯨﯟﺍﻝ ﺗﺎﻍ ، ﺗﺎﺵ ﻗﻮﯞﯗﻕ ﺗﯧﻐﻰ ،
ﻧﺎﻣﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﻼﺭ ﻛﻪﭺ ﻛﯜﺯﮔﻪ ھﯚﺳﻦ .
ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﺍﺭ ﺗﯘﯞﯨﻘﻰ ،
ﺳﯘ ﺋﯩﻼھﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ،
ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ﻓﯩﺮﻭﺯﻩﺳﯩﻤﺎﻥ .
ﻻﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯚﺳﻪﺭ ﻗﯩﻴﺎﺩﺍ ،
ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯚﻟﻪﻳﺪﯗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ .

5
ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ _ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡ ،
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺳﯘ ﺗﺎﻣﭽﯩﺴﯩﺪﻩﻙ .
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺟﯩﺪﻩﻙ
ﯞﻩ ﻳﺎ ﺯﻩﺭ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺩﻭﭘﭙﯩﺪﻩﻙ .
ﻗﯘﻡ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺗﯚﮔﻪ ،
ﺗﯚﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻟﻐﺎ ﺗﯧﺸﻰ ،
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ ،
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﻳﯜﭖ – ﭘﯩﺸﯩﺸﻰ .
ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺯﯗﯞﺍﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ،
ﭼﯚﻟﺪﻩ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻏﺎﭘﯩﻠﻠﯩﻘﻰ .
ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﻣﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺷﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ،
ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻰ _ ﺟﺎھﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ،
ﺋﯘ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﺷﺘﺘﯩﻦ ،
ﺋﺎﺕ ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ،
ﻛﺎﻻ ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯘﺩﯨﻦ ،
ﻗﻮﻱ ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﻮﺭﺩﯨﻦ .
ﻛﯚﺯ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻳﯘﯕﯩﺪﻩﻙ ،
ﺋﺎﺗﻪﺵ ﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﻩ .
ﺋﯘ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ھﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ،
ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ھﻪﻡ ﺋﻪﺗﻪ .
ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ، ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺒﯩﺮﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،
ﺭﻭھﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﭗ .
ﻛﯩﻢ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯘﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ،
ﺋﯘ ﺋﻪﺭﺷﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ ،
ﺋﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻢ ،
ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ، ﺭﺍﺳﺖ .
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﯘﺧﻼﻕ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ
ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯧﭙﯩﻨﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ، ﺭﺍﺳﺖ .
ھومېرنىڭ ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ،
ﺋﻪﭘﻼﺗﻮﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘ ،
ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻗﺎ ﺗﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ،
ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘ .
ﺋﺎﯕﺎ ﺋﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ،
ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ .
ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺗﻼﭖ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻥ ،
ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ﺋﺎھ .
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺳﯚﯕﻪﻙ ، ﻏﯧﺮﯨﺐ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭ ،
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﯧﺮﯨﻘﻰ ﭼﯧﺘﯩﺪﻩ .
ﺑﺎﺭﺳﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﻳﻮﻟﻼﺭ ، ﮔﯘﻧﺎھﻰ
ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩ .
ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﺪﺍ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻪﻡ ،
ﺭﻩﻧﺠﯩﺶ – ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ .
ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﭼﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﻰ،
« ﺋﺎﻝ ﺷﻪھﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ! . . . » ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻮﻳﺎ .
ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯧﺮﯨﻜﺴﯩﺰ ﺗﺎﻛﻰ،
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﯘﻧﺎھﻘﺎ ،
ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﯞﺍ – ﺋﯩﺴﺘﯩﻐﭙﺎﺭ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ ،
ﺋﯘ ﺳﺎﻗﯩﺘﺘﯘﺭ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ .
ﺋﻪﻱ ﺑﺎﺑﺎ ﺗﯚﮔﻪ ،
ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻮﻧﯘﺵ ھﻪﻣﻤﻪ – ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ .
ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯘ ﺳﯧﻨﻰ ﭼﯚﻝ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ،
ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﻰ .
ﺳﻪﻥ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ھﻪﻳﻜﻪﻟﭽﺎﻕ ،
ﻗﯘﻡ ﺗﯧﮕﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩﻟﯩﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ .
ﺟﯜﭖ ﺋﯚﺭﻛﯩﺸﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻛﯜﭼﯜﯕﻤﯘ ؟
ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻕ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ .
ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ،
ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭ ﻫﻪﻣﺮﺍھﯩﯖﻤﯩﺪﯗ ؟
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﺎﻳﺎﺱ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ،
ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺑﺎﺭﮔﺎھﯩﯖﻤﯩﺪﯗ .
ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﺪﺍ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻰ ،
ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ .
ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﻠﺠﯩﻐﯘﯓ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ،
ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ، ﺗﻮﻗﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ
ھاياتبەخش ﺷﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﭼﯩﻠﻼﭖ
ھەم ﻣﻪﺳﺖﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﺪﻩ ،
ﻳﺎﺷﺎﯞﻩﺭﮔﯩﻦ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﺍ
ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﯔ ﺑﺎﺭ – ﺩﻩ !

6
ﭼﯚﻝ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ ھﻪﺳﻪﺗﺴﯩﺰ،
ﻣﯩﯔﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﯞﯗﺳﺘﻪﻙ،
ﻣﻪﺳﺘﺨﯘﺷﻠﯘﻗﻰﺳﻮﺋﺎﻟﺴﯩﺰ، ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ،
ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻟﻪھﻪﯓ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﻩﻙ .
ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﻢ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺳﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ،
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﯩﻨﻰ ﺗﺎ
ﺳﺎﻧﺠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻛﯚﻛﻠﻪﺗﻜﻪﻥ !
ﺋﺎﺑﯩھﺎﻳﺎﺕ ﺗﺎﻣﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﻳﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ،
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﻗﯩﻐﻰ، ﺗﯚﺭﯨﻠﯩﭗ . . .
ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻭھﻤﯩﻜﯩﻦ ،
ﻟﻪﻳﻠﻪﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ھﻪﻡ ﻧﺎﺯﯗﻙ ،
ﺋﯘ ﺗﯚﻟﯩﺪﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﺩﻩﻝ ،
ﻳﯧﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺧﯩﻴﺎﻝ ھﯧﭻ ﺗﯜﺯﯛﻙ .
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭ ﺑﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ،
ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ،
ﺋﺎﻧﺎ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﻐﯩﻘﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ،
ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﯩﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ،
ھەر ھاسىراشنىڭ تىكەنلىرىدە،
ﺑﯘﮊ – ﺑﯘﮊ ﺗﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﯧﺮﻩﻥ .
ﭼﻪﻛﭽﻪﻳﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ
ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ – ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺳﯜﺭﻩﻥ . . .
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻛﯧﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﮔﯩﻴﺎﻫھﻪﻡ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ،
ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ھﺎﻣﺎﻥ .
ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﯞﻩھﯩﻤﯩﺴﻰ : ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ،
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﺎﻻﻏﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻟﯟﯨﺴﯩﻤﺎﻥ .
ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻛﺎﻧﺎﺭ ،
ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ .
ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺑﯩﺮ ھﺎﻳﺎﺕ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻝ ،
ﺟﯧﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﺘﻪ .
ﺳﯧﺨﯩﻴﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻰ ،
ﻣﺎﻱ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ .
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎﯓ ﻟﯧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻝ ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ ھﯧﭻ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎ ﻛﻮﻣﺰﻩﻛﻜﻪ .
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،
ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻼھﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﺎﻕ – ﻗﺎﺷﻠﯩﺮﻯ .
ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﻪ ،
ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺧﯘﻧﯜﻛﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺩﺍﺷﻘﺎﻟﻠﯩﺮﻯ .
ﺋﺎﻓﯩﻨﺎ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﺮﯦﻚ ،
ﮔﯜﻟﻴﺎﻧﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰﺋﯘﻳﻐﯘﺭ .
ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺭﺍ ﻳﻪﻟﻜﻪﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ ﻛﯧﻤﻪ ،
ﺑﺎﻳﺮﻭﻥ ﺩﺍﯕﻘﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ .
ﻗﯩﺰ _ ﺗﺎﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺳﯩﻤﺎﻥ ،
ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ _ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .
ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ _ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﻛﻠﻪﺭ ،
ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ ھﻪﺭ ﻳﺎﻥ . . .
ﺑﺎﺑﺎﻻﺭ ﺑﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ،
ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﭘﺎﻧﺎھﻠﯩﻨﯩﭗ .
ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ،
ﻳﯜﺭﻣﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ .
ﺭﻭھﻰ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﺗﻪﻣﻪ ،
ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ .
ﭼﺎﯓ ﺯﻩﺭﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﺪﻩ ﺗﺎﺝ ،
ﻛﻪﺑﯩﺘﯘﻟﻼ ﺑﯩﻞ ، ﺳﻪﺟﺪﯨﮕﺎﻫ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،
ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﻪﺭ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻯ ،
ﻗﻮﭼﻘﺎﺭﻏﯩﻤﯘ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻯ .
ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﯞﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ،
ﺋﯘﭼﻰ ﺋﯘﭺ ، ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ .
ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﺎﺳﻘﯘﻣﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻨﯩﻼ ،
ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻤﯘ ﻳﻪﺗﺴﻪﻡ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﮕﯩﻨﯩﻼ ،
ﭼﯚﻝ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﻩﻙ ،
ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ﺷﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ .
ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ، ﻳﺎﭘﺮﯨﻘﻰ ﻛﯜﻣﯜﺵ
ﺟﯩﮕﺪﻩ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﮔﯜﭘﯜﻟﺪﯨﺴﻪ ،
« ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ » ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ھﺎﻳﺎﺕ ،
ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﻤﯩﺴﻪ .
ﻗﯘﺭﻣﯩﺶ ﺋﺎﺗﺎ ، ﺗﯚﻟﻪﻣﯩﺶ ﺋﺎﺗﺎ ،
ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎ _ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻕ ﻛﯧﻤﻪ ﻣﺎﻟﯩﺨﺎﻱ .
ﺋﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﻗﯩﻴﺎﻏﺎ ،
ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ ﺟﯩﻴﻪﻛﺘﻪ ﺋﯧﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﻧﻤﺎﻱ ؟ !
ﭼﯚﭼﯜﻳﺪﯗ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ،
ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﻮﻏﻼﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﻮﺷﯘﻗﻰ ﺗﯘﻣﺎﺭ ،
ﺩﺍﯞﺍﻥ ﺩﺍﯞﯨﺴﺎ ھﻪﻣﺮﺍﻫﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

7
ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﺍ ﺑﺎﺭﺧﺎﻥ – ﺑﺎﺭﺧﺎﻥ ﻗﯘﻡ،
ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ ﺑﻪﻙ ﻏﯘﯞﺍ ، ﺳﻮﻏﯘﻕ .
ﻏﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻣﺎﻝ،
ﺋﺎھﺎﯕﻼﺭ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯩﻼھﯩﻲ، ﺗﻮﻟﯘﻕ :
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ،
ﭼﯩﺮﯨﺴﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ،
ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ،
ھاۋارەڭ ﺑﻮﻳﺎﻗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ،
ﺗﺎﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺪﻩﻙ ،
ﻗﺎﺭﺍﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺪﻩﻙ ،
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﯘ ﺳﯘﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ،
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﯘ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ،
ﺋﯘ ﻧﯩﻴﻪﺕ،
ﺋﯘ ﺗﻮﺯﯗﻣﺎﺱ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ.

« تەڭرىتاغ » ژورنىلى 1995 – يىلى 3 – سان.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ