بۇلبۇل بلوگى

0

ئانا يىغلىسا

196
ئانا يىغلىسا يىغلايدۇ يۈرەك،
توختايدۇ كۈلكە، توختايدۇ تۈنەك.
ئىنسانغۇ ئەسلا كۆز ياشسىز بولماس،
ئانا كۆز يېشى لېكىن بىر بۆلەك.
مەيلى يىغلىساق بىز، دەيدۇ گۈللەر،
مەيلى يېغلىساق بىز، دەيدۇ ھۆرلەر.
ئانا يىغلىسا يىغلايدۇ دۇنيا،
ئانا يىغلىسا غەشتۇر كۆڭۈللەر.
ئەزىزلىك تاجى ئانىلارغا خاس،
قىلىدۇ ئازلىق ئۆمرىگە يۈز ياش.
جاپاكەش قەلبى بەرسىمۇ بەرداش،
ئانىلار مەڭزى كۆرمىسۇن كۆز ياش.
ئاناڭ بەرگەن دۇئا بىلەن
ئانارنىڭ چېچىكى ياخشى،
چىنارنىڭ چېچىكى ياخشى،
جاھاندا بارچە تەلەيدىن،
ئانامنىڭ ئېتىكى ياخشى،
ئاسماندىكى توپ يۇلتۇز،
ئۈكەر ئاتىلار ئىكەن.
ئاناڭ بەرگەب دۇئا بىلەن،
بەختىڭ ئېچىلار ئىكەن.
ئابرالغا چىقاي دېسەم،
يوللىرى ئېگىز-پەستۇر.
ئانا ئەللەيلىرى بەرگەن،
ھۇزۇرنى ئۇنۇتماق تەستۇر.
ئاتاڭنىڭ بارىدا بايسەن،
ئاناڭنىڭ بارىدا ئايسەن.
شۇلار كەتسە بۇ دۇنيادىن،
ئۆزۈڭنى ئاندىن ئويلايسىەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ