بۇلبۇل بلوگى

0

ئانا مېھرى – تاڭلار تۇيغۇسى

226

بىر قۇش بولۇپ ئانا قايغۇسى ،
بېشىمىزدا قانات يايغۇسى .
زۇلمەت بولماس ئانا بار يەردە ،
ئانا مېھرى – تاڭلار تۇيغۇسى .

بەختىمىزگە دۇئايى تولا ،
بىراق ، پەرزەنت گۇناھى تولا .
ھەرتاڭ قۇياش بەلگە بەرگۈچە ،
ئانا نۇرى چاچىدۇ شولا .

بىزنىڭ ئىدى ئۇلار تەرگەنلەر ،
بىھېسابتۇر ئۇلار بەرگەنلەر .
يوقتۇر بىزدە بىراق ئانام ! دەپ ،
كۈندە ھالىن سوراپ يۈرگەنلەر ،

ئۆتەڭلاردە كارۋانلار قونغان ،
ئۇلاغ ئۆلۈپ ، ھارىۋىلار سۇنغان .
بۇ دۇنيادا چىققايمۇ ئەستىن ،
قاتتىق كۈنلەر ئانا كۆز يۇمغان ؟

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ